باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ساختا تالون كېسىش ۋە باج ئالدامچىلىقى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، بازارنىڭ ئادىللىقىنى قوغدايدۇ

2018.09.03 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى 10-ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى «قارا تىزىملىك» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى جەمئىي 10 مىڭ 340 «قارا تىزىملىك» دېلوسىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 2018-يىلى 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ھەر دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى ئېلان قىلغان «قارا تىزىملىك» دېلوسى 2781 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشقان.

  ساختا تالون كېسىش ۋە باج ئالدامچىلىق قىلمىشى بازار ئادىللىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق تۆت تارماق باج ئالدامچىلىقى ۋە ساختا تالون كېسىشكە زەربە بېرىش خىزمىتى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ساختا تالون كېسىش ۋە باج ئالدامچىلىقى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلار ۋە كەسىپلەرگە قارىتا نۇقتىلىق مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي باج ئالدامچىلىقى ۋە ساختا تالون كېسىش شايكىلىرىنى قاتتىق جازالىدى. جايلاردىكى باج ئورگانلىرى دۆلەتلىك تۆت تارماقنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىسى، تەلەپلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساختا تالون كېسىش ۋە باج ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى.

  «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق باج ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش» ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىكتە جازالاش مېخانىزمى بەرپا قىلىنغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن چوڭ مۇھىت ئاستىدا، كارخانىلارنىڭ باجغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان بىر گۇرۇپپا ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە 36 ئۆلكە دەرىجىلىك باج ئورگانلىرى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلان قىلغان باجغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ 2781 پارچە «قارا تىزىملىك»نىڭ ھەممىسىنى تەڭ دەرىجىلىك بىرلەشمە جازالاش تارماقلىرىغا يوللاپ بەرگەن بولۇپ، يولغا قويۇلغان تۈرلۈك بىرلىشىپ جازالاش تەدبىرلىرى 25 مىڭ قېتىمغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر