باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2018.08.30 14:52   مەنبە: خەلق تورى

10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قۇرۇلتايغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى، جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  جاۋ لېجى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋردە مۇھاجىرلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆز قىلدى. جاۋ لېجى ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ۋەتەنگە قايتقان كەڭ مۇھاجىرلار ۋە مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  جاۋ لېجى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى كادىرلىرى يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ۋەتەنگە قايتقان كەڭ مۇھاجىرلار، مۇھاجىرلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار باشتىن-ئاخىر ۋەتىنىمىز بىلەن ھەمنەپەس ۋە تەقدىرداش بولۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۆھپە قوشتى، ۋەتەننى ۋە يۇرتىنى سۆيۈشتەك پاك قەلبى، بوشاشماي كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان خەلقئارا ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى  تەدرىج…
    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…
    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…