باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ياشلار ئىجادىيەت ۋە مىراس مۇنبىرىگە قاتناشقان ياشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يازدى

2018.08.30 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 28- كۈنى «بىر بەلباغ، بىر يول» ياشلار ئىجادىيەت ۋە مىراس مۇنبىرىگە قاتناشقان ياشلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، شۇڭا، ئۇلارنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بەش يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تەشەببۇس ئەسلىدىكى ئىدىيەدىن ھازىرقى ئەمەلىي ھەرىكەتكە، يەنى ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قىزغىن قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. بۇ يىل 9- ئايدا، 2018- يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىدۇ. مەن ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق، ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىمەن. ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، جۇڭگو-ئافرىقا ياشلىرى جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ كەلگۈسىدۇر. مەن ھازىر سىلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى قوللاپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىدىكى 2 مىليارد 600 مىليون خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا تۆھپە قوشۇشىڭلارنى، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ تېخىمۇ قويۇق بولغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر