خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاينىڭ 30- كۈنى خەلق سارىيىدا سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىيو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن، دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ سېررالېئوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ بىيونىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەمدە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ياخشى باھاغا ئېرىشتى. سېررالېئون شۇ يىللاردا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيلىقنى تەكىتلەپ، ئىزچىل تۈردە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، جۇڭگو بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن. جۇڭگو قەدىناس دوستلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ كەلدۇق، بۇ پىرىنسىپ ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو سېررالېئون خەلقىنىڭ ئۆز تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ سېررالېئون تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، بېلىقچىلىق،داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ ۋە خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقتا ئۆزئارا قوللىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى