باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2018.08.31 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8- ئاينىڭ 30- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى.يىغىندا، باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى سىياسەت-تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يەنە يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش؛ دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىشتىكى ئاساسىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش، دورا ھەققى يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىقلار قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرى بولسا، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى ۋە ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىدىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردا باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاكتىپ تەسىرلىرى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلمەكتە. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى يېڭى تەدبىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. بۇنىڭدا، بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش دېگەندەك سىياسەت خاراكتېرلىك تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشى توختىتىلغان كارخانىلارغا قارىتا، ئۇلارنىڭ ئۆي-جاي بېجى ۋە شەھەر ـ بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىغا مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ سېلىش كەسپىگە باج كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇللارنىڭ ۋە مىقدارى چوڭ بولغان پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم كىرىمى قاتارلىقلارغا قارىتا، ئاددىي باج ھېسابلاش ئۇسۇلىنى تاللاپ، %30 باج نىسبىتى بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، بۇ يىل 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2020- يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا سانائەتچىلەرگە برىلىدىغان قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم كىرىمىگە قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 5 مىليون يۈەندىن 10 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى. ئۈچىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك رەۋىشتە ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل كاپىتالىنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى زايوم بازىرىدا مەبلەغ سېلىپ ئېرىشكەن زايوم ئۆسۈم كىرىمىدىن كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش ۋاقتىنچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ مۇددىتىنى ۋاقتىنچە ئۈچ يىل قىلىپ بېكىتىپ، بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش نىسبىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقىرىقى تەدبىرلەر قوللىنىلغاندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ يەنە 45 مىليارد يۈەنلىك باج يۈكى يېنىكلىتىلىدۇ. باجنى كېمەيتىش ۋە ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە ئىلگىرى بېكىتىلگەن ۋە يېڭى بېكىتىلگەن تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يىغىننىڭ تەلىپى بويىچە تېزدىن دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. گوۋۇيۈەننىڭ نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى نازارەتچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى كارخانىلار ۋە ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر