باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان يېڭى تەدبىر بېكىتتى

2018.08.31 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-ئاۋغۇست ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، ئېلان قىلىنغان تەدبىرلەرنى ياخشى يولغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى تۈزۈش بېكىتىلدى.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق سىياسەت خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى توختىتىلغان كارخانىلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك بېجى ۋە شەھەر-بازار يېرىنى ئىشلىتىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىغا ئالاقىدار مەبلەغ سېلىش كەسىپلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل مىقدارى كۆپ پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قەرز پۇل ئۆسۈمى كىرىمىدىن باج ھېسابلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى تاللاپ %3 باج نىسبىتى بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مالىيە مۇتەخەسسىسى جاڭ ليەنچى مۇنداق دېدى: دىققەتنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ باجنى كېمەيتىشىگە مەركەزلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇملۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە، كارخانىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىدىغان باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بەلگىلىك دەرىجىدە باج مەنبەسىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

  شيامېن داشۆ باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى چېڭ مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش سەۋەبىدىن سىياسەت خاراكتېرلىك توختىتىلغان كارخانىلار تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ كارخانا ۋە يەرلىككە بەلگىلىك بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، باج تاپشۇرۇش ئىقتىدارى پىرىنسىپى بويىچە، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ياكى كېمەيتىش كېرەك. دۆلەت ۋە يەرلىك باج بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەركەز بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋاقتىدا ۋە قاراتمىلىق بولدى.

  كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قەرز ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم كىرىمىنىڭ يەككە مۇئامىلىدارنىڭ ئىناۋەت نورمىسى يۇقىرى چېكى قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىپ، ئىلگىرى بېكىتىلگەن 5 مىليون يۈەندىن 10 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  لى چېڭ مۇنداق دېدى: باج سىياسىتى ئارقىلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، باجنىڭ ئىقتىسادنى تەڭشەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىناۋەت نورمىسى ئېتىبار كۆلىمىنى 1 مىليون يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگە ۋە ھازىرقى 10 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ كېلىشىم باھا ئىقتىدارى ئۆسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەرز ئاپپاراتلىرىغا سىگنال بېرىش رولى ئوينايدۇ.

  تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چەت ئەل كاپىتالىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى زايوم بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ ئېرىشكەن زايوم ئۆسۈمى كىرىمىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، سىياسەت مۇددىتى ۋاقتىنچە ئۈچ يىل بولۇپ، قىسمەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش نىسبىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

  ساھە ئىچىدىكى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل مۇددەت سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىپادىلەپ، چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرىغا كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ ۋە كۆزلىمە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر