باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىلد: جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەلچىسى بولىمەن

2018.08.28 16:43   مەنبە: خەلق تورى

شىلد: جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەلچىسى بولىمەن

  شىلد بېيجىڭدىكى يىجۇاڭغا جايلاشقان سىدا دەۋر گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابىدىكى ئاۋاز بېرىش ئىشخانىسىدا سىۋاخىلى تىلىدا جۇڭگونىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئاۋاز بەرمەكتە ( 8-ئاينىڭ 14-كۈنى فوتوسى ).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىلد بولسا، تانزانىيەدىن كەلگەن بىر ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ، 2016- يىلى «تۇنجى نۆۋەتلىك سىدا لۇڭقىسى جۇڭگو كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئاۋاز بېرىش مۇسابىقىسى» تانزانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇ جۇڭگو مەدەنىيىتىگە ئىشتىياق باغلىغان، ھەمدە شۇ چاغدا ئۇ شىلد شەرەپ بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، «سىدا دەۋر» گۇرۇھىنىڭ باش ئىشتابىدا خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئەلچىسى بولۇپ قالدى.

  شىلد كىچىكىدىنلا تانزانىيەنىڭ دارېسسالامدىكى يېزا ئائىلىسىدە تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇ جۇڭگولۇق ئارتىس چېڭ لۇڭنىڭ كىنودا باش رول ئالغانلىقىنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىرادە باغلىغان. لېكىن، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىر كەسپىي ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ قالدى. سىدا دەۋر گۇرۇھىنىڭ سىۋاسلى تىلى قانىلىنىڭ تانزانىيەدە يەتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىلد جۇڭگو كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ «چوقۇنغۇچىسى» بولۇپ قالدى. مەيلى قەدىمكى كىيىملىك تىياتىر بولسۇن ياكى ھازىرقى زامان تىياتىرى بولسۇن، ئۇلار شىلدنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشتىكى يېڭى كۆزنىكىگە ئايلانغان.شىلد بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندا، بىر تەرەپتىن ئاۋاز بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا تېلېۋىزىيە خىزمىتى ماھارىتىنى ئۆگەندى. ھازىر شىلد بىر مۇنەۋۋەر سىۋاھىلى تىلى ئاۋاز ئارتىسى بولۇپلا قالماي، يەنە تەرجىمە خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتال ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئاۋاز بېرىش خىزمىتىنى مۇستەقىل ئورۇندىيالايدۇ.

  «مەن ئېرىشكەن ئىقتىدارىمنى تانزانىيەگە ئېلىپ كەلدىم». شىلد زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ: مەن مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى تانزانىيەدىكى ئاۋاز بېرىش ئەترىتىگە ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردۈم، دېدى. شىلد يەنە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات كەچۈرمىشى ۋە تەجرىبىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئافرىقىلىق دوستلارنى جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىگە يېتىشىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…
    ·بېيجىڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېڭى لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·ئەقىللىق بالىلارنىڭ ئون خىل ئىپادىسى
    ·شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى
    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ