باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ ئامېرىكا ئۈستىدىن قىلغان دەۋا دېلوسىغا قارىتا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاچقان تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاخىرلاشتى

2018.08.31 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوللاندىيەنىڭ گائاگادا تەسىس قىلىنغان خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالاش تەدبىرى نەتىجىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار شەرتنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىش دېلوسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 30-ئاۋغۇست ئاخىرلاشتى.

  خەلقئارا سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى باشقا كۈنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 30-چېسلا ئېلان قىلغان ئاخباراتتا: خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئىراننىڭ ئامېرىكىغا قارىتا ۋاقىتلىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئاشكارا قارار چىقىرىدۇ، ئېلان قىلىش ۋاقتى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدۇ، دېدى.

  ئىران ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسىدا ئىككى دۆلەتنىڭ 1955-يىلى ئىمزالاشقان ئالاقىدار شەرتنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قايتا باشلىغانلىقى توغرىسىدا دەۋا قىلغان بولۇپ، بۇ دېلوغا 27-چېسلا تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلدى. ئىسپات ئاڭلاش مەزگىلىدە، ئىران ۋەكىلى مۇھسىن مۇخبىنىڭ ئاغزاكى بايانىدا، ئامېرىكىنىڭ جازاسى ئادىل ئەمەس، ئىراننىڭ ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، نەچچە مىليون ئاممىنى نامراتلىققا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ، بۇ ئاشكارا ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىق دېدى.

  مۇخبى پىكىر بايان قىلىپ: ئىران خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋاقىتلىق تەدبىر ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسىنى دەرھال توختىتىشىنى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جازالاش ۋە تەدبىر قوللانماسلىقىنى ياكى تەھدىت سالماسلىقىنى، چەت ئەللىك شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىران پۇقرالىرى ياكى كارخانىلىرى بىلەن داۋاملىق ئىقتىسادىي ئۇچرىشىشىنى توسۇش ئېھتىمالى بولغان بارلىق بايانات ۋە ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دېدى.

  ئامېرىكا ۋەكىلى جېننىفور نېۋستېد پىكىر بايان قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىران 1955-يىلى ئىمزالاشقان مۇناسىۋەتلىك شەرتنامىلەر ھەرگىز خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ تالاش-تارتىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تەمىنلىمەيدۇ، خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئىراننىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىن چېكىنىپ چىقىش ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىنى ئېلان قىلىپ، ئىراننى جازالاشنى قايتا باشلىدى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىران خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان جازاسى ئىككى دۆلەت 1955-يىلى ئىمزالاشقان «دوستلۇق، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە كونسۇل ھوقۇقى شەرتنامىسى»گە خىلاپ، دەپ ئەيىبلىدى. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ب د ت نىڭ ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى بولۇپ، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قانۇن تالاش-تارتىشلىرىنى ھەل قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر