باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو تەمىنلىگەن ئالاقىدار قەرزلەرگە ئەزەلدىن ھىچقانداق سىياسىي شەرت قوشۇلمىغان، دېدى

2018.08.31 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپتۈرگەن ئاتالمىش «جۇڭگو قەرز تۇزىقى» مەسىلىسىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 30-ئاۋغۇست، جۇڭگو تەمىنلىگەن ئالاقىدار قەرزلەرگە ئەزەلدىن ھىچقانداق سىياسىي شەرت قوشۇلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى نامسىز زاتلار: جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنى زور مىقداردىكى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش ھەرىكىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئامېرىكا بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىدە يېڭى ئەلچىخانا- كونسۇلخانا كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش ھەمدە ئىقتىسادىي ياردەمنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ بۇ رايونلاردىكى تەسىر كۈچى بىلەن تىركىشىشنى پىلانلىغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ: يېقىنقى مەزگىلدە، ھەقىقەتەن بەزى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاتالمىش «جۇڭگو قەرز تۇزىقى» مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈپ خەۋەر قىلدى. ئۇ: «ئوخشاشلا مەبلەغ، قانداقىسىگە غەرب ئەللىرىنىڭ تەمىنلىگىنى ‹توقاچ›، جۇڭگو تەمىنلىگىنى ‹تۇزاق› بولغۇدەك؟ بۇ ئاپئاشكارا قوش ئۆلچەم ئەمەسمۇ؟»، دېدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ تەمىنلىگەن ئالاقىدار قەرزلەرگە ئەزەلدىن ھېچقانداق سىياسىي شەرت قوشۇلمىغان. جۇڭگو تەرەپ ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر قەرزىنىڭ سىجىللىقىغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، مەبلەغنى ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەتلەر جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ھەمدە مەبلەغ كەمچىل بولغان ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەرگە سالغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى چەكلىمىلەرنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  خۇا چۈنيىڭ: «ئالاقىدار زاتلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىمەنكى، باشقىلار باش چۆكۈرۈپ يول ياساۋاتقان چاغدا ئۆزى بېرىپ ‹ئورەك كولاش› ئەمەس، بەلكى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، سەمىمىي نىيەت بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر