باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەتنىڭ «111 پىلانى»غا كىرگۈزۈلدى

2018.08.20 18:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرى ئىدارىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق يەرلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەنلەردە يېڭىلىق يارىتىش ئەقلىي كۈچ قوشۇش پىلانى» (يەنى «111 قۇرۇلۇشى پىلانى») تۈر تۇرغۇزۇش تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جيا دىيەنزېڭ مەسئۇل بولغان «كۆمۈرنى پاكىز، رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش ۋە كۆمۈر ئاساسىي كاربون ماتېرىيال پەنلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ئەقلىي كۈچ قوشۇش بازىسى» تۈرى تاللىنىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۇنجى قېتىم تەستىقلانغان دۆلەت «111 قۇرۇلۇشى پىلانى»غا ئايلانغان.

  مەلۇم بولۇشىچە، «111 قۇرۇلۇشى پىلانى» جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن قىلىپ قۇرۇش چىقىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ پىلاندا خەلقئارادىكى پەنلەر تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى مۆلچەرلەپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەن تۈرلىرىنى ئاساس قىلىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى ئالدىنقى 100 داڭلىق ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەل پەنلەر قوشۇنى ئىچىدىن 1000دىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات قوشۇنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 100 ئەتراپىدا ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىش ئەقلىي كۈچ قوشۇش بازىسى قۇرۇشنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ يىل «111 پىلانى» 3-قېتىم يەرلىك ئالىي مەكتەپلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، جەمئىي 25 يەرلىك كۈچلۈك مەكتەپ تەستىقلىنىپ، بۇ پىلان ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر