خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى، چىڭخەي ئۆلكىلىك ج خ ئورگىنى، خېنەن، سەنشى، جېجياڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، يېقىندا دۇلەندىكى قەدىمىي قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش دېلوسى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنىپ، قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ مەبلەغ سېلىش، ئالاقىلىشىپ ھارام مالنى سېتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ھايىنىغا سېتىش قاتارلىق ھالقىلارغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 26سى قولغا چۈشۈرۈلۈپ، ئوغرىلىقچە قېزىلغان ھەر خىل يادىكارلىقلاردىن 646 دانىسى قايتۇرۇۋېلىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى زەنجىرسىمان جىنايىتىگە زەربە بېرىلدى. بۇ، مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جىنايىتى مەخسۇس ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر مۇھىم جەڭ نەتىجىسى بولدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، چىڭخەي ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنى دۇلەن ناھىيەسىدىن ئوغرىلىقچە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھايىنىغا سېتىلغانلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال دېلونى پاش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لىنىيە بويلاپ ئىز قوغلاپ، بۇ دېلونىڭ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ئىسسىق سۇ قەبرىستانلىقىغا چېتىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بايقىغان. دېلو ئەھۋالىنىڭ زورلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، چىڭخەي ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ماھىر كادىر-ساقچى كۈچىنى ئاجرىتىپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. ئىنچىكە تەھقىقلەش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى بۇ دېلوغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان، نۇرغۇن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلىگەن ھەمدە شىنىڭ شەھىرى، دۇلەن ناھىيەسى، ۋۇلەن ناھىيەسى ۋە خېنەن، سەنشى قاتارلىق جايلاردا 19 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، دېلوغا چېتىشلىق بىر تۈركۈم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇۋالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى