باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى تاپشۇرۇش كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، كېلىشىم مۇددىتى 10 يىل بولۇش ئەمدى ئالتە يىلدىن ئارتۇق بولۇشقا تەڭشىلىدۇ

پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى

2018.08.13 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا «مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت راسخوتى مائارىپىنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقىتىلىپ، پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت راسخوتى مائارىپى سىياسىتى ياخشىلاندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ، ئېلىمىزدە پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ھەقسىز مائارىپ» دەرىجىسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساسلىقلار ئوقۇشقا جەلپ قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلدىمائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ: «مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پېداگوگىكا مەكتەپلەر بولسا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاشتىكى ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش ۋە يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى»، دېدى.

  2007-يىلىدىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي شىمال پىداگۇگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەنشى پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جەنۇپ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالتە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە پېداگوگىكا كەسىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قوبۇل قىلىنىپ ھەقسىز ئوقۇشتىن بەھرىمەن بولغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىسى جەمئىي 101 مىڭغا، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنى 31 مىڭغا، ئوقۇش پۈتكۈزگىنى تەخمىنەن 70 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى %90ى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، غەربىي رايونلاردىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ئىشقا قوبۇل قىلىشتا «نۆلنى بۆسۈش»نى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  يېڭى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەشتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئادا قىلىش، كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشنى باشقۇرۇش، شارائىت كاپالىتى قاتارلىق ھالقىلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت راسخوتى مائارىپى سىياسىتىنى ياخشىلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە سىياسەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۇرغۇتۇش كەم بولسا بولمايدىكەن. «چارە»نى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇشتا ئىختىساسلىق خادىملارنى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىش پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان «تۆت بولغان» ياخشى ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەشتىكى بىر تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تۈزۈم ئىكەن.

  ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئوقۇتقۇچىلىق مۇددىتى يىل چەكلىمىسىنى تەڭشەش، ئادا قىلىشنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى ياخشىلاش

  «چارە»دە «پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش سىياسىتى»نىڭ «پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۆكۈمەت راسخوتى مائارىپى سىياسىتى» قىلىپ تەڭشەلگەنلىكى پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھۆكۈمەت راسخوتى مائارىپ تۈزۈمىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. «چارە»گە ئاساسەن، دۆلەت ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى تاپشۇرۇشنى كەچۈرۈم قىلىپ ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىشتەك «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، شۇنداقلا ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمدە چوقۇم ئىشتاتقا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلغاندا، پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىداگوگىكا كەسپى بويىچە ئوقۇش، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچەيتىلىدۇ.

  «چارە»دە كېلىشىمگە ئەمەل قىلىش ئوقۇتقۇچىلىق مۇددىتى تەڭشەلدى. ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش مۇلازىمەت مۇددىتى ئەسلىدىكى 10 يىلدىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالتە يىلدىن ئارتۇق بولۇش، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچ يىل بولۇشتىن ئىبارەت مۇكەممەل ئوقۇتۇش دەۋرىيلىكىگە تەڭشەلدى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «چارە»دە، شەھەر-بازارلاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇغان پىداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا-كەنتلەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئاز دېگەندە بىر يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر