باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش يولغا قويۇلدى

2018.08.13 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئومۇمەن تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى، يەنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى تارىخى ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانى ئۇچۇرلىرىنى بىردەك ھالدا توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ ئېلېكتىرونلۇق رويخەتكە ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن ئىلگىرىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانى، يەنى 2000- يىلدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇش تارىخى ئۇچۇرلىرى ۋە 2008- يىلى 9- ئايدىن بۇرۇن بېرىلگەن ئۇنۋان ئۇچۇرلىرىنى داۋاملىق سۈنئىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق يازما ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ئۇچۇرلىرىنى جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇر تورىدا تەكشۈرۈشكە ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىشكە بولىدۇ؛ دۆلەت ئىچىدىكى ئىلمىي ئۇنۋان ئۇچۇرلىرىنى جۇڭگو ئىلمىي ئۇنۋان ۋە ئاسپىرانتلار مائارىپى ئۇچۇر تورىدا جۇڭگو ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپاتلىق بېرىش سىستېمىسىدا تەكشۈرۈشكە ۋە ئۇنى ئېلېكتىرونلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

  بۇ يىل 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئېلىمىزدە دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىسپات بېرىش مۇلازىمەت ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈپ ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇردى. بۇ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئىسپاتلاشنىڭ سانلىق مەلۇماتلىق تەكشۈرۈشىدىكى ئىجتىمائىي ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر