باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك

دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى جۇ جىنمىن

2018.07.25 08:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىسىنى ياخشى كۆرۈش ئاتا-ئانىلارنىڭ تەبىئىتىدۇر. بۇ خىل ياخشى كۆرۈش بولسا، مۇھەببەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، ئەقىل-پاراسەت ۋە كەڭ قورساقلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ بوش-چىڭلىقتا دەرىجىسى بولىدۇ،بالىغا «ماقۇل» دېيىش ۋە «ياق» دېيىشتە چوقۇم چەكلىمە بولۇشى كېرەك. بالىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ناچار ئادىتىگە قارىتا ھەرگىزمۇ ماقۇل دەۋېرىش پوزىتسىيەسىدە بولماسلىق كېرەك. چۈنكى، ئۇ خىل ناچار ئادەتلەرگە «ياق» دېيىش، بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىپ تۇرۇشتىكى بەلگىلىمە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بەش خىل ناچار ئادەت تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى ئادەت: قولىغا چىققاننى ئېلىپ مېڭىش. كىچىك بالىلاردا نەرسە ھوقۇقى ئېڭى بولمايدۇ،يەنى «سېنىڭ» ۋە «مېنىڭ» دېگەننى ئايرىيالمايدۇ،كۆڭلىدە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى"قىزىقارلىق" دەپ ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسىلەرنى ئۆيىگە ئەكېتىپ ئويناشنى ئويلايدۇ. لېكىن، ئۇ خىل ئادەت ئەۋج ئېلىپ كەتسە، ناچار ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ،ھەمدە يېشىنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ،ئۇ ناچار ئادەتنى تۈزىتىشى قىيىن بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن،ئۇلار قۇرامىغا يەتكەندىن كىيىن، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

  بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈزىتىشنىڭ تەدبىرى شۇكى، ئاتا-ئانىلار بىر جەھەتتىن بالىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ،ئۇلاردىكى بىرىنچى قېتىملىق يامان تەسىر ۋە قىلمىشىنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇلارنىڭ ئۇ خىل قىلمىشىنى ھە دېگەندە ئاسانلا پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ،سەن «ئوغرى»دەپ بالىدا روھى جەھەتتىن قارا كۆلەڭگە ھاسىل قىلىپ قويۇشتىنمۇ ساقلىنىش لازىم، ھەمدە بالىغا ئەدەپ-قائىدىنى چىرايلىقچە چۈشەندۈرۈپ،«بالام، بۇ دېگەن باشقىلارنىڭ نەرسىسى،ئەگەر ئوينىغۇڭ بولسا، چوقۇم باشقىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىپ ئارىيەت ئېلىپ ئاندىن ئوينىشىڭ كېرەك» دەپ تەربىيە قىلىش كېرەك،ھەم شۇنداقلا بالىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ،ئۇنى باشقىلاردىن كەچۈرۈم سوراشقا دەۋەت قىلىپ،ئۆز خاتالىقىنى تونۇشىغا ياردەم قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى ئادەت: ئېرىشەلمىگەن نەرسىنى بۇلاپ ئېلىۋېلىش. بەزى بالىلار ئۆزىنىلا مەركەز قىلىپ، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدىغان بولغاچقا،ئۇلار ھەمراھلىرى بىلەن ئوينىغاندا، ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرنى باشقىلاردىن بۇلاپ ئېلىۋالىدۇ. ئۇلاردا بۇنداق ھۇجۇم قىلىپ بۇلاپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى ئەۋج ئىلىپ كەتسە، شەخسىيەتچىلىك خاراكتېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە چەتكە قېقىلىپ قالىدۇ.

  بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈزىتىشنىڭ تەدبىرى شۇكى،ئاتا-ئانىلار «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈش»تەدبىرىنى قوللىنىپ، بالىلار خۇشال ئويناۋاتقان ۋاقىتتا، ئويۇنچۇقلىرىنى باشقا بالىلارنىڭكى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئويناشقا يېتەكلەش كېرەك، ھەمدە ئاتا-ئانىلار يەنە بالىلارغا ئۆگىتىپ ھەم باشقىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ،ئارام ئالغاندا ياكى ئويناپ ھارغاندا، ئويۇنچۇقنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆگىتىشى كېرەك، ياكى بالىنى باشقا كىچىك دوستلار بىلەن ئويۇنچۇق ئالماشتۇرۇپ ئويناشنى مەسلىھەتلىشىشىگە يېتەكلەش كېرەك.

  ئۈچىنچى ئادەت: نەرسە-كېرەكلەرنى قالايمىقان چېچىپ ئويناش. بەزى بالىلارنىڭ ئادىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق بولىدۇ، يەنى ئۇلار قەغەز پارچىلىرىنى،يەيدىغان نەرسىلەرنى ۋە ئويۇنچۇقلىرىنى ئاسمانغا ئېتىپ چېچىپ ئوينىسا، ناھايىتى خۇشال بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداقلارغا ئۈنۈملۈك تۈردە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كونترول قىلىش بولمىسا، بالا ئاسانلا ناچار تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىپ،ئەدەپ-قائىدىنى پەقەتلا بىلمەيدىغان، ھەمدە قىلغان ئىشلىرى تەرتىپسىز بولىدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

  بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈزىتىشنىڭ تەدبىرى شۇكى،ئاتا-ئانىلار بالىسىغا ئۆي ئىچى بىلەن سىرتنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، ئۆي ئىچىدە بالىلار ئەلۋەتتە ئەركىن-ئازادە ئوينىسا بولىدۇ،چۈنكى، ئائىلىدە ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغاچقا، بالا نېمىش قىلسا، ئۇلار قوبۇل قىلالايدۇ. لېكىن، ئاممىۋى سورۇن ئۇنداق بولمايدۇ، چۈنكى، ئاممىۋى سورۇندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن خەق بولغاچقا، بالىنىڭ ھەممە قىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىۋەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن،گەرچە ئۆيدە نېمىش قىلسا بولۇۋەرگەن بىلەن، ئاممىۋى سورۇندا چوقۇم قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى ئادەت:بىر ئويۇنچۇقنى كۆرۈپ قېلىپ، شۇ ئويۇنچۇقنى ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بەرمىسە، خاپا سېلىش. بەزى بالىلار يىغلاپ تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىسىغا ئويۇنچۇق ئالغۇزىدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بۇنداق چاغدا ئاسانلا ماقۇل دېسە، بالىلار مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىلار بالىلار ئالدىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.

  بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈزىتىشنىڭ تەدبىرى شۇكى، بالا غەلۋە قىلىپ يىغلىغان چاغدا، ئاتا-ئانا بالىسىنى ئادەم ئاز جايغا ئېلىپ بېرىپ تەربىيە قىلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىگە پەرۋا قىلمىسا، بالا يىغىسىدىن تەبىئىي ھالدا توختاپ قالىدۇ. يەنە ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇپ، بالا بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىقى، شۇنداقلا بالىنىڭ يىغىسىمۇ ئاتا-ئانىغا كار قىلماسلىقى كېرەك.

  بەشىنچى ئادەت: يالغان سۆزلەر ئارقىلىق ئەمەلىي پاكىتنى يوشۇرۇپ قېلىش. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بەك قاتتىق قول بولغاچقا، بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قۇيغاندا ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن جازالىنىشتىن قورقىدۇ، ھەتتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقىمۇ پېتىنالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، يالغان پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، يالغان سۆزلەيدۇ. ئەگەر بالا بىر قېتىم يالغان سۆزلەپ،جازالىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالسا، شۇنىڭدىن كىيىن،ھەمىشە يالغان سۆزلەش بالىنىڭ تەبىئىيىتىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

  بۇ خىل ناچار ئادەتنى تۈزىتىشنىڭ تەدبىرى شۇكى، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە بەرگەندە، تەربىيەنىڭ مۇۋاپىق بولماي قالغان يەرلىرى بارمۇ-يوق، ئۇلار بۇ ھەقتە چوقۇم ياخشى ئويلىنىشى كېرەك،بالىلارنىڭ يالغان قىلىشىدىكى سەۋەبنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا تەربىيە بېرىش كېرەك. دېموكراتىك ۋە ئازادە بولغان ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىپ، بالىلارنىڭ جازالىنىشتىن قورقۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئەندىشىلىك پىسخىكا ھالىتىنى تۈگىتىپ، بالىلارنى ئۆز خاتالىقلىرىنى تونۇش ھەم تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىشىغا يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر