باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلانغۇچ 4-يىللىقنىڭ يەتتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى قېنىپ ئۇخلىيالمايدىكەن

2018.07.26 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزى تەشكىللەپ يولغا قويغان 1-قارارلىق دۆلەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپەت تەكشۈرۈشىدە 4-يىللىق، 8-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 937 ناھىيە (شەھەر، رايون)ىدىكى 57 مىڭ 314 ئوقۇغۇچى بۇ قارارلىق تەكشۈرۈشكە تاللاپ قاتناشتۇرۇلغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك-ئۆپكە ئىقتىدارى، سۈرئەت ساپاسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان، بىراق سېمىزلىك، يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىرقەدەر روشەن گەۋدىلەنگەن. «دۆلەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسى ساغلاملىق ئۆلچىمى» (2014-يىلى تۈزىتىلگەن)گە ئاساسلانغاندا، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقىدا لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يېتىش نىسبىتى (تۆۋەندە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى دېيىلىدۇ) %98.1 بولۇپ، مۇنەۋۋەر بولۇش نىسبىتى %33.4 بولغان. 8-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقىدا ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %95.9 بولۇپ، مۇنەۋۋەر بولۇش نىسبىتى %31 بولغان. 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 50 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %96.3 بولۇپ، مۇنەۋۋەر بولۇش نىسبىتى %18.3 بولغان. 8-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 50 مېتىرغا يۈگۈرۈشتە ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %94.7 بولغان بولۇپ، مۇنەۋۋەر بولۇش نىسبىتى %21.4 بولغان.

  تەكشۈرۈشتە يەنە بايقىلىشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان. 4-يىللىقتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %8.5 بولغان، قىزلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %5.1 بولغان. 8-يىللىقتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى %8.5، قىزلارنىڭ %6.1 بولغان.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى بولماسلىق مەسىلىسى روشەن گەۋدىلەنگەن. 4-يىللىق، 8-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار بولۇپ، تەكشۈرۈلۈپ چىقىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %36.5 ۋە %65.3 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 4-يىللىقتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئوتتۇراھال ناچار بولۇش ۋە ئېغىر ناچار بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %18.6 ۋە %10.4 بولغان، ئوغۇللارنىڭ ئايرىم-ئايرىم %16.4 ۋە %9 بولغان. 8-يىللىقتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئوتتۇراھال ناچار ۋە ئېغىر ناچار بولۇش نىسبىتى %24.1 ۋە %39.5 بولغان، ئوغۇللارنىڭ ئايرىم-ئايرىم %22.1 ۋە %31.7 بولغان.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيقۇسى ئومۇميۈزلۈك يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى»دە (2017-يىلى) بەلگىلىنىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى 10 سائەت بولۇشى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 9 سائەت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 4-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەركۈنلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى 10 سائەت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدىغانلىرىنىڭ نىسبىتى %30.7، 8-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 9 سائەت ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدىغانلىرىنىڭ نىسبىتى %16.6 ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر