ۋاڭ يۈفاڭ (سولدا) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇق ئەۋرىشكىلىرىنى ئۆلچەش ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلىمەكتە (8- ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئايدىكى شىنجاڭ جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى دۆلەت ئارخېئولوگىيە خارابىسى باغچىسىدا، تەيبېيلىك قىز ۋاڭ يۈفاڭ بىر دۆۋە يېڭىلا قېزىۋېلىنغان ساپال پارچىلىرىنى ئېغىزى، قورساق قىسمى، ئاستى قىسمى بويىچە تۈرگە ئايرىپ، ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۆلچەپ، سۈرەتكە تارتىپ، تىزىملاپ ئامبارغا كىرگۈزمەكتە.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى ئارخېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ئاسپىرانتۇرىيەسىنىڭ بىرىنجى يىللىق ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ يۈفاڭ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارخېئولوگىيە ئورنى قىلىپ تاللىدى. ئۇ شىنجاڭغا تەلپۈنۈپ: «بۇ بىر نامەلۇم جاي، كېلىپ ئىزدىنىشكە ئەرزىيدۇ»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى