باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ ۋېنشيۇڭنىڭ پارا ئېلىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2018.08.17 16:46   مەنبە: خەلق تورى

خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ ۋېنشيۇڭنىڭ پارا ئېلىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ج ك پ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ ۋېنشيۇڭنىڭ پارا ئېلىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 16-كۈنى ج ك پ خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ ۋېنشيۇڭنىڭ پارا ئېلىش، زور مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار جاڭ ۋېنشيۇڭغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 13 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى ھەمدە خەلق پۇلى ھېسابىدا 2 مىليون يۈەنلىك شەخسىي مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى، زور مال- مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىش ھەمدە خەلق پۇلى ھېسابىدا 2 مىليون يۈەن شەخسى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش قارار قىلىندى؛ جاڭ ۋېنشيۇڭنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى، كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرەلمىگەن مال-مۈلكى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسى قايتۇرۋېلىنىپ دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى داۋاملىق قايتۇرۇۋېلىنىدۇ.

  سوت قىلىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 2002-يىلىدىن 2016- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، جاۋابكار جاڭ ۋېنشيۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ج ك پ خۇەيخۇا شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ خېڭياڭ شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، شۇنىڭدەك خىزمەت ھوقۇقى ۋە مەرتىۋىسىدىن شەكىللەنگەن قۇلايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى تەڭشەش، تۈر ئېچىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن. 2004- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 2016-يىلى 6-ئايغىچە، جاڭ ۋېنشيۇڭ بىۋاسىتە ياكى ئايالى شۈ ئەيفاڭ ئارقىلىق خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا باشقىلار بەرگەن جەمئىي 23 مىليون 350 مىڭ يۈەن پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، جاڭ ۋېنشيۇڭ ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكى ۋە چىقىمى قانۇنلۇق كىرىمىدىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 51 مىليون 580 مىڭ يۈەنلىك مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن.

  گۇيلىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جاڭ ۋېنشيۇڭنىڭ قىلمىشى پارا ئېلىش، زور سوممىلىق مال-مولكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، قانۇن بويىچە بىرنەچچە خىل جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش كېرەك. جاڭ ۋېنشيۇڭنىڭ دېلو تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىپ، ھارام پۇل-مالنى ئاكتىپ قايتۇرغانلىقى، كۆپ قىسىم ھارام پۇل- مالنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە ئۇنىڭغا يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدۇ. سوت كوللېگىيەسى يۇقىرىدىكى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بالىلار ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ھەممە جاينى تولۇق قاپلىدى 
    ·جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىن…
    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك