باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى: چاڭشېڭ ۋاكسىنا ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2018.08.16 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتىدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇنۇلارنى يەنىمۇ ئېنىقلىدى: بۇ شىركەت تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈنۈم قىممىتى لاياقەتسىز بولغان ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسى بولسا، ئوخشاش بىر تۈركۈمدە ئىشلەپچىقىرىلغان201605014-01 ۋە 201605014-02دىن ئىبارەت ئىككى تۈركۈم نومۇرىدىكى تۆت مىليون 998 مىڭ دانە مەھسۇلاتقا چېتىلىدىكەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتى تۈركۈم نومۇرى 201605014-01 بولغان ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسىدىن جەمئىي 252 مىڭ 600 دانە ئىشلەپچىقارغان، ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە سېتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 247 مىڭ 359 دانىسى ئىشلىتىلگەن، 5241 دانىسى خوراپ تۈگىگەن ۋە تېخى سېتىلماي پېچەتلەپ قويۇلغان. تۈركۈم نومۇرى 201605014-02 بولغان ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسىدىن جەمئىي 247 مىڭ 200 دانە ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىگە 223 مىڭ 800 دانىسى سېتىلغان، 10 مىڭدىن ئارتۇقى تېخى سېتىلماي پېچەتلەكلىك ھالەتتە تۇرماقتا؛ ئەنخۇي ئۆلكىسىگە 23مىڭ 400 دانىسى سېتىلغان بولۇپ، 3277 دانىسى خوراپ تۈگىگەن ۋە پېچەتلەپ قويۇلغان.

  چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە تۈركۈم نومۇرى 201605014-01 بولغان لاياقەتسىز ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگەن بالىلار، بۇ يىل 2- ئاينىڭ 6- كۈنى چىقىرىلغان تولۇقلاپ ئەملەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش بويىچە، نۆۋەتتە تولۇقلاپ ئەملەندى. ھازىرغا قەدەر، تولۇقلاپ ئەملەشكە تېگىشلىك %76.2 بالىلارغا تولۇقلاپ ئەملەش ئىشى تاماملاندى. ئەمما تېخىچە تولۇقلاپ ئەملەشكە ئېرىشەلمىگەن بالىلارنىڭ كېيىنكى قېتىمقى ۋاكسىنىسىنىڭ ئەملىنىشى بولسا، ئەملەنگۈچى بالىلارنىڭ يەنە بىر ئەملىنىش ئارىلىق ۋاقتى ۋە ئەمەلىي ئەملەش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

  چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە تۈركۈم نومۇرى 201605014-02 بولغان لاياقەتسىز ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسى بىلەن ئەملەنگەن بالىلارنىڭ تولۇقلاپ ئەملەش خىزمىتى دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى ۋە دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  چاڭچۈن چاڭشىڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈنۈم قىممىتىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاش ئۈچۈن، دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى شۇ كارخانىنىڭ ئۈنۈمى تۈگىمىگەن مۇددىتى ئىچىدىكى بارلىق تۈركۈمدىكى ئاق يۆتەل ۋاكسىنىلىرىنى تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئانتىگېن تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ باردى، نەتىجىدە، بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلمىدى.

  نۆۋەتتە، چاڭچۈن چاڭشېڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان لاياقەتسىز ئاق يۆتەل ۋاكسىنىسىنىڭ قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق دېلوسىغا چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى. قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ۋە خادىملار قاتتىق جازالىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جەھەتتە مەسئۇلىيىتى بار يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە مەسئۇل تارماقلاردىن ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، بىپەرۋالىق قىلغان، قىلىدىغاننى قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى ۋە ۋاقتى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر