باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى گۇيجۇ «8-ئاۋغۇست» زور كۆمۈر گازى پارتلاش ھادىسىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2018.08.16 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئىگىلىنىشىچە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرىنىڭ پەنجۇ شەھىرىدىكى زىمۇجيا كۆمۈركانىدا يۈز بەرگەن «8-ئاۋغۇست» زور كۆمۈر گازى پارتلاش ھادىسىسى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى، گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇپەنشۈي شەھىرىنىڭ پەنجۇ شەھىرىدىكى زىمۇجيا كۆمۈركانىدا زور كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 13 ئادەم قازا قىلدى، يەتتە ئادەم يارىلاندى. ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا دەسلەپكى قەدەمدە ۋەقەنىڭ سەۋەبى مۇنداق تەھلىل قىلىندى: 110102 كېسىپ قېزىپ ئىلگىرىلەش ئىش ئورنىدا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قاتلاملىق بۇرغىلاش ئارقىلىق، رايون كۆمۈر بەلبېغىدىكى گازلارنى ئالدىن تارتىۋېتىش ئۇسۇلىنى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قىلغان، گازنى باشقۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈشتە نۇقسان كۆرۈلگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پەرق بار بولغانلىقتىن، كۆمۈر قاتلىمىدىكى گەۋدىلىك خەۋپلەر تۈگىتىلمىگەن، مەشغۇلات جەريانىدا كۆمۈرگە كاشىلا قىلىپ، كۆمۈر گازى چىقىپ كېتىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان.

  ھادىسىدە، رايون ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى كۆمۈركان بىخەتەرلىك قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك، كان قۇدۇقى تۈزگەن ئىش ئورنىدا ئالدىنى ئېلىش لايىھەسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلماسلىق، تەلەپ بويىچە گاز سۈمۈرۈش مىقدارىنى ئۆلچەش قۇرۇلمىسىنى قۇراشتۇرماسلىق، قېزىش- داۋاملاشتۇرۇش ئېغىر دەرىجىدە تەڭپۇڭسىز بولۇش، قېزىش ئىش ئورنىدا ئالدىنى ئېلىش رايونى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر