سۈرەتتە: ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى «ئاي پەرى 4-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ۋەزىپىسىدىكى قونۇش ئەسۋابىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھە شەكلى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى «ئاي پەرى 4- نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدىغان ئاي شارى ماشىنىسىغا ئىسىم توپلاش پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئومۇمىي مەسئۇل بولۇپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان «ئاي پەرى 4-نومۇر» ناملىق قونۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئاي شارى ماشىنىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش لايىھە شەكلى ئېلان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى