باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ

2018.08.09 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاۋغۇست مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى 2018-يىللىق دۆلەتنىڭ «تۈمەن كىشىلىك پىلان»ى ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش خىزمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، دۆلەت بۇ يىل «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرىنى تاللاپ ياردەم بېرىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى %60 ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۆۋەن مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى %40 ئەتراپىدا بولىدىكەن، ھەربىي مەكتەپتىن ئىككى نەپەر خىزمەتتىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تاللاپ چىقىلىدىغان بولۇپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەلىم-تەربىيە باشقۇرۇش بۆلۈمى مەكتەپ ئىدارىسى تاللاشقا مەسئۇل بولىدىكەن. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى تاللاشتا، يېزا مەكتەپلىرىگە مايىللاشتۇرۇلىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالاقىدار تارماقلار ۋە مەكتەپلەر نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى، ئەخلاق ئۆتكىلى ۋە سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىدا مەسىلىە ساقلانغانلارنى «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش»ى لازىم. تەۋسىيە قىلىش جەريانىدا ئۆتكەلنى چىڭ تۇتمىغان، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلمىغان مەكتەپلەرنىڭ كېلەر يىللىق نامزات كۆرسىتىش سالاھىيىتىنى توختىتىش لازىم.

  دۆلەتنىڭ «تۈمەن كىشىلىك پىلان»ى دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي ئىختىساسلىقلارغا يۈزلەنگەن نۇقتىلىق ياردەم بېرىش پىلانى بولۇپ، 2012-يىلى يولغا قويۇلغان. بۇ پىلان بويىچە 10 يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، بىر تۈركۈم تەبىئىي پەن، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ۋە پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساسلىقلار، باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە ياش ئىختىساسلىقلار نۇقتىلىق تاللىنىپ مەدەت بېرىلىپ، «مىڭ كىشىلىك پىلان» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر