خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاۋغۇست ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىنىڭ قىرغۇچى-10 ناملىق ئايروپىلانلىرى شىنجاڭدىكى مەلۇم ئايرودۇرۇمدىن ئۇچۇپ چېگرادىن چىقىپ، رۇسىيەگە باردى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 1-ئاۋغۇست ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى 16-ئاۋغۇست رۇسىيەگە ئۇچۇپ بېرىپ، رۇسىيە خەلقئارا ھەربىي ئىشلار تېخنىكا مۇنبىرىدە ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى