باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىندى

2018.08.14 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى ( 2017 ) 13- چېسلا شاڭخەيدە ئېلان قىلىندى. سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى 60.2 نومۇر بولۇپ، 2016- يىلىدىكىدىن 0.9 ئاشقان.

  دوكلاتتا 100 نومۇرلۇق تۈزۈم قوللىنىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇھىتى، ھەرىكىتى ۋە ئۈنۈمى دېگەندەك ئۈچ تەرەپتىن دۆلىتىمىزدىكى بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەھۋالى ئۈستىدە ئۇنىۋېرسال باھالاش ئېلىپ بېرىلغان. سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشنى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەنتەربىيە، سەھىيە ۋە سەنئەت مائارىپ مەھكىمىسى يېتەكچىلىك قىلىپ يولغا قويغان، ھەمدە شاڭخەي تەنتەربىيە ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش چوڭ سانلىق مەلۇماتلار سۇپىسى مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مەسئۇل تەتقىقات ئۆمىكى يېتەكچى بولۇپ، كونكرېت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇھىتىنىڭ كۆرسەتكۈچى 74.8 نومۇر، تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۆرسەتكۈچى 40 نومۇر، تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرسەتكۈچى 80.1 نومۇر بولغان. بۇلارنى ئىلگىرىكىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر