باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى يازلىق يول قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قايتا تەكىتلەپ ئورۇنلاشتۇردى

2018.08.14 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى 13-ئاۋغۇست سىن ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ۋە خەۋپ- خەتەرلەرنى تەھلىل قىلىپ، 8-، 9- ئايلار، بولۇپمۇ يازلىق يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشنى قايتا تەكىتلەپ ئورۇنلاشتۇردى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولدى، لېكىن 8- ئاي كىرگەندىن بۇيان گۇاڭدۇڭ، گەنسۇ، گۇاڭشى، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردا ئارقا- ئارقىدىن بىر قەدەر چوڭ قاتناش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، ئوتتۇرا-جەنۇب، غەربىي جەنۇب رايونىدا بىر قەدەر زور قاتناش ۋەقەلىرى مەركەزلىشىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرى گەۋدىلىك بولۇش، ناھىيە- يېزا يوللىرىدا بىرقەدەر زور ۋەقە كۆپ يۈز بېرىش، شەھەرلەردىكى قاتناش ھادىسىلىرى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن كۆپىيىش، سەھەر سائەت بىردىن تۆتكىچە ھادىسە يۈز بېرىشى روشەن ئۆرلەش، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 12گىچە ۋەقەلەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈردى ھەمدە كىچىك ماشىنىلارغا چېتىشلىق ھادىسىلەر، بولۇپمۇ مىنىبۇس بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىش، ساياھەت، تۇغقان يوقلاش سەپىرىدە قاتناش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىش، چۈشتىن كېيىن، كېچىدە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھادىسە سادىر قىلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇش قاتارلىق ياز پەسىللىك ھادىسە ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك بولدى.

  ج خ مىنىسترلىقى جايلاردىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش لازىم. يوشۇرۇن خەۋپنى مەنبەدىن يوقىتىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلۇش قىلىدىغان يوللار، نۇقتىلىق تىرانسپورت كارخانىلىرى، ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈزەپ يوقىتىپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساياھەت لىنىيەسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلىق ئورۇنلاردىكى يول يۈرۈش تەرتىپىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق كونترول قىلىش، يولۇچى توشۇيدىغان نۆۋەتچى ئاپتوموبىل، ساياھەت كۆتۈرە ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم توشۇش ئاپتوموبىلى، ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىلى، مىنىبۇس قاتارلىق «بەش خىل ئاپتوموبىل»غا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچنى نورمىدىن ئاشۇرۇش- چارچاش»، سەھەر سائەت ئىككىدىن بەشكىچە قائىدىگە خىلاپ يول يۈرۈش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم توشۇش ئاپتوموبىلى قانۇنغا خىلاپ يۈك توشۇش قاتارلىق گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش لازىم. تاشقىن مەزگىلىدىكى ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاشقىن مەزگىلىدە قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر