خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يېڭى دەۋر. بەختىيار، گۈزەل شىنجاڭ» تور ئاساسىي تېما پائالىيىتى شىنجاڭ سەپىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى تور ئاخبارات ئۇچۇر تارقىتىش ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە مەركەزنىڭ 16 ئاخبارات تور بېكىتى ۋە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەركىزىي ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى تور ئاخبارات ئۇچۇر تارقىتىش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى «يېڭى دەۋر. بەختىيار، گۈزەل شىنجاڭ» تور ئاساسىي تېما پائالىيىتى شىنجاڭ سەپىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇخبىرلىرىنىڭ تىپىك شەخسلەرنىڭ تىپىك ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كىچىك ھېكايە ئارقىلىق چوڭ قائىدىنى سۆزلەپ، كىچىك كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق چوڭ تېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىچىك كېسىش ئېغىزىدىن يېڭى دەۋرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىغا يېقىن، يېڭى، يېقىشلىق ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقىشىنى، ئالاقە تورى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى بۇرچى، يېڭىچە كەيپىيات، يېڭى ئىش-ئىزلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەقىقىي، تەرەققىي قىلغان، بەختلىك، گۈزەل سوتسىيالىستىك يېڭى شىنجاڭنى ھەقىقىي نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى