باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىنسانلارنىڭ تۇنجى «قۇياشقا يېقىنلاشقۇچى» تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بېرىلدى

تارىختىكى ئەڭ «ئىسسىق» ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسى باشلاندى

2018.08.13 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا «پاركېر» قۇياش تەكشۈرۈش ئەسۋابى 12-ئاۋغۇست بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم «قۇياش تاجى»دىن كېسىپ ئۆتۈپ قۇياشقا يېقىنلىشىدىغان كۈن قوغلاش سەپىرىنى رەسمىي باشلىدى، بۇ ھەم ھازىرغىچە ئەڭ «ئىسسىق» بولغان ئالەم تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكا شەرقى قىسىم ۋاقتى 12- ئاۋغۇست سائەت 12 دىن 31 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 12- ئاۋغۇست سائەت 15تىن 31 مىنۇت) ئۆتكەندە، «دېلتا-4» ئېغىر تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتا ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كاناۋېرال تۇمشۇقىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، كىچىك ماشىنا چوڭلۇقىدىكى، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 635 كېلوگراملىق تەكشۈرگۈچنى ئېلىپ بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

  ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، «پاركېر» كەلگۈسى يەتتە يىل ئىچىدە قۇياشنى 24 قېتىم ئايلىنىپ ئۇچىدىكەن ھەمدە ۋېنىرانىڭ تارتىش كۈچى ياردىمىدە ئوربىتىنى تەڭشەپ، قۇياشقا بارغانچە يېقىنلىشىپ، ئاخىرىدا قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 6 مىليون 100 مىڭ كېلومېتىر كېلىدىغان جايغا يېتىپ بېرىپ، تارىختىن بۇيانقى قۇياشقا ئەڭ يېقىنلاشقان ئالەم ئۇچقۇسى بولۇپ قالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر