باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى بارا-بارا كۆرۈلدى

ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئېلىمىزنىڭ مالىيە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى

2018.08.14 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 1 تىرىليون 746 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي خامچوت كىرىمى 860 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.2 ئاشقان. يەرلىكنىڭ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي خامچوت كىرىمى 885 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئاشقان؛ مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي خامچوت كىرىمىدىكى باج كىرىمى 1 تىرىليون 608 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئاشقان. غەيرىي باج كىرىمى 138 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.8 تۆۋەنلىگەن.

  1-ئايدىن 7-ئايغىچە يىغىنچاقلىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئىجتىمائىي خامچوت كىرىمى 12 تىرىليون 179 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 10 ئاشتى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تەھلىل قىلىپ، 1-ئايدىن 7-ئايغىچە ئومۇمىي مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئىنت ئاستىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ياسىمىچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت كەسپى قاتارلىق ساھە ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى تۆۋەنلىگەنلىكى ۋە 7-ئايدا قىسمەن ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ مەۋسۇم ئاخىرىدىكى توغرىلاپ باج قايتۇرۇشى قاتارلىق باج-ھەق كېمەيتىش سىياسىتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن بولدى، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر