باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىختىساسلىقلارنى دەل جايىدا كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش مېخانىزمىدا سۈپەت چىڭ تۇتۇلدى

ئىلى ئوبلاستى ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىشتا شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندى

2018.08.10 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىلىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، ئائىلەمدىكىلەر مېنىڭ ئىلىدا خىزمەت قىلىشىمنى قوللايدۇ. مەن خىزمىتىمنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، بەش يىل ئىچىدە كەسپىمدە بەلگىلىك تۆھپە ياراتماقچى.» 8- ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىر شاڭخەي دېڭىز–ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزگەن ماگىستىر ئاسپىرانت ۋۇ شيۇنى تېلېفون زىيارىتى قىلغاندا، ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن شۇنداق دېدى. شۇ كۈنى، ۋۇ شيۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 ئىستۇدېنت ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «ئىلى تالانت ئىگىلىرى قۇرۇلۇشى» پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ماسلىشىش خاراكتېرلىك تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا باشلىدى.

  28 ياشلىق ۋۇ شيۇ شاڭخەي دېڭىز–ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزا ۋە رايونلار تەرەققىياتى كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى ئوقىغان. يېقىندا، ئۇ 2018-يىللىق «ئىلى تالانت ئىگىلىرى»نى كىرگۈزۈش مەخسۇس تەمىنلەش-ئېھتىياج كۆرۈشۈش يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم ئىلىغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان ھەم يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقان.

  بۇ يىل 4-ئايدا، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم «ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ يۇقىرى قاتلاملىقلار قىس ئورۇنلارغا ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش چارىسى»نى تۈزۈپ يولغا قويغان ھەمدە كۆپ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىلى ئوبلاستى ھەقىقىي تۈردە مەبلەغ سېلىپ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش سىياسىتى ۋە مېخانىزمىدا سۈپەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، «يۇقىرى، دەل جايىدا، زىل، كەم ئورۇنغا تولۇقلاش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماستىن، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەڭ كۆلەمدە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، ئىدارە ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، بازاردا مەشغۇلات قىلىدىغان «توغرا، دەل جايىدا ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» يېڭى مېخانىزمىنى پەيدىنپەي قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىلىنى تاللىشىنى قوللىدى.

  «ئىلى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانى»نى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستى قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەپ، مەخسۇس قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى، تونۇشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش-ئېھتىياج كۆرۈشۈش سۇپىسىنى ھازىرلاپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى تەكشۈرۈش، يۈزتۇرانە سۆزلىشىشنى تەشكىللىدى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تەكشۈرۈپ تەۋسىيە قىلىشى، مەخسۇس ئىشخانىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى، ئېھتىياجغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىش، قىس كەسىپلەر بويىچە قوبۇل قىلىش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ياخشىلىرىنى تاللاش، ئىشتاتى بوش كەسپى ئورۇنلارغا كىرگۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ نامزات بېكىتىشى ئاساسىدا، 50 نەپەر قىس يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ بېكىتتى.

  ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى شۈ فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 4 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، مالىيە ئىدارىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن ئۆمەك تەشكىللەپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خۇبېي، سىچۇەن، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى 15 نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، «ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش» تەشۋىقاتى، تونۇشتۇرۇش، تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىدە ئىختىساسلىق خادىملارنى كىرگۈزۈش يۈزتۇرانە سۆزلىشىش يىغىنى ۋە تەمىنلەش-ئېھتىياج مەخسۇس يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى.

  شۈ فېڭ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ 50 نەپەر يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ئىچىدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن 23ى، قوش ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن 25ى، يەنە ئىككى نەپەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر