باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى

2018.08.01 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىغىندا ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىنىپ مۇزاكىرە قىلىندى

  يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ئىيۇل يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇردى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاراپ چىقىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، چوڭ خەتەردىن ساقلىنىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش قەدىمىنى تېزلەتتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىشىش جەريانىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئاساسلىق ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق ئورۇندا تۇردى؛ ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ياخشىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىدىن ساقلىنىش ۋە تۈگىتىشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى مۇقىملىق داۋامىدا ئۆزگىرىش ياساپ، بەزى يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، تاشقى مۇھىتتا روشەن ئۆزگىرىش بولدى. ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىشىمىز لازىم. كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى»نى ياخشى قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، ۋەزىپە مۈشكۈل ۋە ئېغىر. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇندا تۇرۇشىنى ساقلاپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، تەڭشەشنى كۈچەيتىش، سىياسەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر