باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ 73-نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

2018.08.09 15:59   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ 73-نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-چېسلا چۈشتىن كېيىن بېيدەيخېدا، جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن 73-نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئېسپىنوسا بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت نىڭ خىزمىتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ 2015-يىلى ب د ت باش ئىشتابىدا زىيارەتتە بولۇپ، ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر يۈرۈش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو ب د ت نىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، تەرەققىيات، تىنچلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتنىشىپ، تېگىشلىك خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى داۋاملىق ئادا قىلىپ، داۋاملىق تۈردە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ب د ت قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇنيا تىنچلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن قوغداشقا ئېرىشتى. 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىش يولىغا قەدەم باستى. بۇ، دۇنيانىڭ يەرشارىلىشىش ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرغانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، بىز ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۆپ تەرەپلىمىلىك دۇنياغا مۇھتاج. ھەر قايسى دۆلەتلەر چوقۇم قائىدىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى قوغداپ، ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. خەلقئارا مۇناسىۋەتتە دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…
    ·ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقانلار سانى 37 مىليون 790 مىڭ كىشىگە يەتتى
    ·ئېلىمىز پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ لېكس…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ماقالىسى سودىسى قىلىش، ۋاكالىتەن يېزىپ ب…