باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئامىنەنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەش يولى

2018.08.14 16:32   مەنبە: خەلق تورى

ئامىنەنىڭ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەش يولى

  ئامىنە ئۆزى لايىھەلىگەن ئىجادىي كىيىم-كېچەكنى كۆرگەزمە قىلماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت) (سۈرەتنى ئۆزى تەمىنلىگەن)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئامىنە ئابلىمىت شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ 2018-يىللىق ئاسپىرانتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىگىلىك تىكلەش تۈرى «BSM ئىجادىي كىيىم-كېچەكلىرى»نىڭ مەسئۇلى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىگىلىك تىكلەيدىغان كىشىلىك تۇرمۇش تېخىمۇ مەنىلىك، يەنە ئۇنى تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ.

  «بەش ياش ۋاقتىمدا، تۇنجى قېتىم مومام بىلەن بىللە قونچاققا كىيىم تىككەندە، مەندە كىيىم-كېچەك لايىھەلەشكە قىزىقىش پەيدا بولغا ئىدى. 10 ياشقا كىرگەندە، مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر كىيىم لايىھەلىگۈچى بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. بۇ خىل كىچىكىدىنلا كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ ئامىنە 18 ياشقا كىرگەندە بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. 2014-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئامىنە ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئېيتتى ۋە ئاپىسىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، بۇ 18 ياشلىق قىز ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك ماركىسى نامىنى ئويلاشقا كىرىشتى. ماركا لايىھەلەش، ياقا بەلگە ئاسما ماركىسىنى ياساش، ئۆز ئالدىغا ئاددىي تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىش، تور دۇكىنىنى تىزىملىتىپ ئېچىش، سېتىش ئەندىزىسىنى ئويلىشىش. . . ئىككى ئايدىن كېيىن ، ئىجادىي كىيىم-كېچەك ماركىسى Babysist ermine (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ BSM دېيىلىدۇ) تاۋباۋ سۇپىسىدا جىمجىت مەيدانغا كەلدى ۋە بىرىنچى پەسىللىك ئىجادىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.

  ئامىنەنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ۋە خۇش قىلغان ئىش بولسا، بىرىنچى پەسىللىك چەكلىك ئىجادىي كىيىملەر تاۋباۋ دۇكىنىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھاللا سېتىلىپ بولدى. ئارقىسىدىنلا، ئامىنە يەنە سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئىككىنچى پەسىللىك ئىجادىي كىيىم-كېچەكلىرىنى ئېلان قىلدى، بۇمۇ يەنە ناھايىتى تېزلىك بىلەن سېتىلىپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئامىنە ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك ماركىسىنىڭ راستىنلا باشقىلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىپ، بۇنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىگە كەلدى.

  ئامىنە 2014-يىلى ئىيۇلدا «تاۋباۋ» تورىدا ماركىنى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، BSM كىيىم-كېچەك ماركىسى 15 پەسىل جەمئىي 320 نۇسخىدىكى چەكلىك ئىجادىي كىيىم-كېچەكنى ئېلان قىلدى، ئاساسلىقى مىللىي پاسون بىلەن مودا ئامىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاياللار كىيىمى بولۇپ، 18 ياشتىن 26 ياشقىچە بولغان خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. ئامىنە ئۆزى لايىھىلىگۈچى ۋە قوشۇمچە مودىل بولدى، تىجارەت يوللىرى ئاساسلىقى مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى ۋە تاۋباۋ دۇكىنىغا مەركەزلەشتى. 2014-يىلىدىن ھازىرغىچە، BSM ئىجادىي كىيىم-كېچەكلىرىدىن جەمئىي 1500 قۇر سېتىلدى، سېتىش سوممىسى 130 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغان كېيىن، ئامىنە مەكتەپ تەشكىللىگەن تۈرلۈك ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى، باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگەندى. 2016-يىلى 9-ئايدا، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئامىنە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن «بېيجىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»گە قاتناشتى ھەمدە نەق مەيداندا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك ماركىسىنى تونۇشتۇردى.

  «دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللايدىغان ياخشى سىياسەتلىرى نۇرغۇن، نېمىشقا بۇ ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سىناپ باقمايمەن؟» ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئۈستىدە توختالغاندا، ئامىنەنىڭ چوڭقۇر تەسىراتى بار. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيەتتە ئانچە تەس ئەمەس، ئۇنىڭغا يېتەرلىك تەييارلىق قىلىش ھەمدە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش لازىم، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يىرىك پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا باسسا، ئۆزىگە تەۋە كەلگۈسىنى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ.»

  ئامىنە ھازىر شىركەت قۇرۇشنى پىلانلىدى ھەمدە كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ماركېتىڭ ئەندىزىسىنى سۈرەت ۋە يېزىقتىن سىن ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە كۆتۈرۈشنى پىلانلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردا سېتىشنى كېڭەيتىپ، تاۋباۋ دۇكان تىجارىتىنى خان تاجى دەرىجىسىگە ئىگە تور دۇكىنىغا كۆتۈرۈش ھەم يۈرۈشلۈك ئەرەنچە كىيىم-كېچەكلەرنىمۇ سېتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرىجىسى «ھۆكۈمەت خىراجىتى مائارىپى»غا ئۆستۈرۈلدى
    ·ئېلىمىزدە ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى توردا تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېلېكتىرونلۇق ئى…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئاپپاراتى قۇرۇلدى
    ·2018-يىللىق «تۈمەن كىشىلىك پىلان» بويىچە 100 ئوقۇتۇش ماھىرى تاللىنىپ ياردەم بېرىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-با…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 56 ناھىيە(شەھەر،رايون)دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ب…
    ·مەملىكەت بويىچە تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئالتە ئۈلۈشتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىكەن، باشلان…
    ·ئاتا-ئانىلار بالىلاردىكى بەش خىل ناچار ئادەتكە قارىتا ھە دېگەندە ماقۇل دەۋەرمەسلىك كېرەك
    ·22-ئىيۇل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ 2-قېتىملىق ئارزۇ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق مېيىپلارنىڭ كەسپىي تەربىيەنى قۇبۇل قىلىش پۇرسىتىنى ئۈزلۈكس…