باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت ئىستىكى قىلىش كېرەك

2018.08.07 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يولداش ۋاڭ جىسەينىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش ۋاڭ جىسەي 32 يىل ئارالنى ساقلاپ، ۋەتەننى قوغدىدى، پۇشايمانسىز چىڭ ساقلاپ ۋە بەدەل تۆلەپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاددى بولمىغان كىشىلىك ھاياتىنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىنى يازدى. بىز بۇ خىل ۋەتەننى سۆيۈش، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ قىممەت قارىشى قىلىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالاقىدار تەرەپلەر يولداش ۋاڭ جىسەي ئائىلىسىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلاردىن ھال سورىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يولداش ۋاڭ جىسەيگە ئوخشاش ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىش ئورۇنلىرىدا تۆھپە قوشۇۋاتقان يولداشلارغا پائال ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىدىيە، خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاسرىشى لازىم.

  ۋاڭ جىسەي ھايات ۋاقتىدا جياڭسۇ ئۆلكىسى گۈەنيۈن ناھىيەسى كەيشەن ئارىلىدىكى قاراۋۇلخانىنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى باشلىقى ئىدى. كەيشەن ئارىلى ئېلىمىزنىڭ خۇاڭخەي دېڭىزىغا جايلاشقان ئالدىنقى قاراۋۇل بولۇپ، كۆلىمى پەقەت ئىككى پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. 1985-يىلى قىسىم ئىشتاتنى قىسقارتقاندىن كېيىن، خەلق ئەسكەرلىرى قاراۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان، لېكىن شارائىتى جاپالىق بولغاچقا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ ئارالغا كەلگەن 10 نەچچە خەلق ئەسكىرى ئۇزاق مۇددەتلىك نۆۋەتچىلىك قىلىشنى خالىمايدۇ. 1986-يىلى، 26 ياشلىق ۋاڭ جىسەي ئارالنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئايالى بىلەن ئارالنى ئۆي قىلىپ، تەنھالىقنى ئۆزلىرىگە ھەمراھ قىلدى. سۇ ھەم توك يوق، ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ ئۆسۈشى تەس بولغان بۇ يىگانە ئارالدا ئۈن -تىنسىز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ دېڭىز مۇداپىئەسى ئىشلىرى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى بېغىشلىدى. 2014-يىلى، ۋاڭ جىسەي ئەر-خوتۇن مەملىكەت بويىچە «دەۋر نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاڭ جىسەي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 58 يېشىدا ۋاپات بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر