باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەلىكلەرنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىدا كۆچمەنلەر ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىكەن

2018.08.09 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى گېرمانىيە گىراژدانلىقىدىكى 19 مىليون 300 مىڭ كىشىدە كۆچمەنلەر ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، ئۇنداقلار گېرمانىيە ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسىمىنى ئىگىلەيدىكەن، ھەمدە ئۇنداقلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 2016- يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2017- يىلى%4.4 ئۆرلىگەن بولۇپ، تارىختىكى يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان.

  گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەخمىنەن %1 گېرمانىيە ئاھالىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، يۇقىرىدا دېيىلگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشكەن. تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، ئۆزىنىڭ ياكى ئاتا-ئانىسى ئىچىدىكى ئاز دېگەندە بىر تەرەپنىڭ تۇغۇلغاندا گېرمانىيە گىراژدانلىقىدا بولمىغانلىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆچمەنلەر ئارقا كۆرۈنۈشى بار، دەپ ھېسابلىنىدىكەن. .

  كۆچمەنلەر ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولغان گېرمانىيەلىكلەر ئىچىدە، تۈركىيەلىك قان سىستېمىسىدىكىلەر ئەڭ زور توپنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەم سانى ئىككى مىليون 800 مىڭغا يەتكەن، ھەمدە ئۇلار كۆچمەنلىك ئارقا كۆرۈنۈشى بارلار ئومۇمىي سانىنىڭ %14تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا، پولشالىق قان سىستېمىسىدىكىلەر كۆچمەنلىك ئارقا كۆرۈنۈشى بارلار ئومۇمىي سانىنىڭ %10نى ئىگىلىگەن؛ رۇسىيەلىك قان سىستېمىسىدىكىلەر ۋە قازاقىستانلىق قان سىستېمىسىدىكىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا %7 ۋە %6نى ئىگىلەيدىكەن.

  تۇرمۇش باياشات، جەمئىيەت تىنچ ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان دېگەندەك سەۋەبلەردىن، گېرمانىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، بۇ ھەم گېرمانىيە جەمئىيىتىدە چەتئەللىكلەرنى يەكلەش كەيپىياتىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى، كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئىشلىرى گېرمانىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر