خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 12-كۈنى، قازاقىستاننىڭ ئاقتاۋدا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايىف (ئوتتۇرىدا)، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوڭدىن 2-كىشى)، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف (سولدىن 1-كىشى) تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف (ئوڭدىن 1-كىشى)، ئىران زۇڭتۇڭى روھانى سۆھبەتلىشىشتىن ئاۋۋال مۇخبىرلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. قازاقىستان، رۇسيە، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئىران قاتارلىق كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى بەش دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرى 12-ئاۋغۇست قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى شەھەر ئاقتاۋدا كاسپىي دېڭىزىنىڭ قانۇنىي ئورنى توغرىسىدا ئەھدىنامە ئىمزالاپ، كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى بەش دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كاسپى دېڭىزى ئاستىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنى بۆلۈشى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئۈچۈن قانۇن ئاساس سالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى