باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تۇنجى قېتىم شىنجاڭ سىرتىغا چىقىپ سودىگەر چاقىردى، ھەمدە تۈرلەرنى تونۇشتۇردى

2018.08.13 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى شاڭخەي شەھىرىدە ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ چاۋجوۋ شەھىرىدە «يېڭى ۋاسىتە، يېڭى ئىدىيە، يېڭى پۇرسەت» باش تېمىسىدىكى سودىگەر چاقىرىش، تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى شىنجاڭ-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋە گۇرۇپپىلىنىدىغان نۆۋەتچى پويىز قاتارلىق تۈرلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشتۇرۇلۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يۈرۈشلەشكەن كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا جەلپ قىلىنىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلدى. بۇ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىنجاڭ سىرتىغا چىقىپ سودىگەر چاقىرىش ۋە تۈرلەرنى تونۇشتۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

  ئىككى جايدىكى بۇ سودىگەر چاقىرىش ۋە تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى جۇڭگو پورت جەمئىيىتىنىڭ كۆپ خىل ئۇلاپ توشۇش شۆبە جەمئىيىتى، رۇسىيە تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروتى پاي شىركىتى قاتارلىق چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى 30دىن ئارتۇق كەسپىي ئەشيا ئوبوروت تەشكىلاتى ئاكتىپ ھالدا داڭلىق ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى ھەم ئىستراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز «مال توپلاش، سانائەت رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاش»تەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، «2018- يىلى ياخشى ئاساس سېلىپ دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشىش، 2019- يىلى كەسىپلەرنى توپلاپ ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش، 2020- يىلى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش»تەك ئومۇمىي پىلان بويىچە، ئىقتىدار سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مال توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يادرولۇق رايوننىڭ يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى جەلپ قىلىپ ماكانلاشتۇرۇشنى ئاخىرقى نىشان قىلىپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا غەربىي ۋوگزال ۋە شىمالىي ۋوگزال تەۋەلىكىدىكى رايونلارنى يادرو قىلغان ھالدا، «1- ئاۋغۇست» ۋوگزال رايونى، سەنپىڭ كونتېينېر مەركىزىي ۋوگزالى ۋە ئۈرۈمچى باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايونى قاتارلىق رايونلارنى قاپلىغان ھالدىكى 67 كىۋادرات كىلومېتىرلىق كەسىپ-شەھەر ھەمتۈرتكە تەرەققىيات رايونى شەكىللەندۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر