باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ سودا جېڭى قوزغىشىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟

2018.08.10 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا سودا جېڭى قوزغىغاندىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشى ۋە تالاش-تارتىشلىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەت پىكىرلىرىنىڭ ئاق سارايغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. لېكىن، قارىماققا توغرىدەك تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خاتا بولغان يەنە بەزى كۆز قاراشلار توردا تارقىلىپ يۈرمەكتە. ئۇ خاتا كۆز قاراشلارنىڭ بىر خىلى بولسا، مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئىتتىرىپ قويۇش، يەنى "جۇڭگو ئىستراتېگىيە جەھەتتە چوڭ گەپ قىلىپ، ھەددىدىن زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئامېرىكىنىڭ «بىرىكمە مۇشت» ئېتىشىغا سەۋەبچى بولدى." دېگەندەك سەپسەتىلەرنى توقۇپ چىقىش؛ يەنە بىر خىلى بولسا، جۇڭگو بۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، دەپ، جۇڭگونى تەنقىد قىلىش، ھەمدە "ئەگەر جۇڭگو بۇ ئىشقا بالدۇرراق مۇرەسسە قىلىپ، بۇ ئىشقا يول قويسا، بۇ سودا جېڭىمۇ بارغانسېرى بۇنداق قىزىپ كەتمەيتتى." دەپ چالۋاقاش. ئۇلارنىڭ گېپىچە، جۇڭگو ئەگەر ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونىسىلا، ئامېرىكا جۇڭگوغا رەھىم قىلارمىش.

  ئەمەلىيەتتە ئىشنىڭ ماھىيىتى راستىنلا مۇشۇنداقمۇ؟

  سودا جېڭى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئويلىشىشتىكى مەنتىقىلىق تەپەككۇر بىلەن ئويلىغاندىمۇ، ئۇنى يەنە بەزى بىر «تارىخىي نەزەر دائىرە» بويىچە ئويلىشىش زۆرۈر.

  ئەينى يىللاردا، ئەمەلىي كۈچى خېلىلا زور، ئەمما ئىدېئولوگىيەسى پەرقلىق بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدىدا، ئامېرىكا «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»نى قوزغاپ، بارلىق ئالتۇنلىرى ۋە ماددىي كۈچلىرىنى چىقىرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھەر تەرەپلىمە زەربە بەرگەن ۋە بېسىم قىلغان ئىدى، بۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق تاشقى ئامىل بولۇپ قالغان ئىدى، ئامېرىكا شۇ چاغدا ئۆزىچە، بىز «تارىخنى ئاخىرلاشتۇرۇش»تا غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئۆزىنى ماختاپ يۈرگەن ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى، ياپونىيەنىڭ تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە ناھايىتى تېزلا ئامېرىكىنىڭ يۈرىكىگە «دەرد» سالغان بىر دۆلەت بولۇپ قالغان ئىدى. گەرچە شۇ چاغلاردا ياپونىيە ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ماڭغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈملىرىنىمۇ ئامېرىكا لايىھەلەپ بەرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا ئۇلار بىلەن ئۈزلۈكسىز ھالدا سودا سۈركىلىشىنى پەيدا قىلىپ، «ئىختىيارىي ئېكسپورت چەكلىمىسى» دەيدىغان چەكلەش تۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ياپونىيە بىلەن «مەيدان كېلىشىمى» ئىمزالاشقان ئىدى، بۇنىڭ بىلەن، ياپونىيە يېنىنىڭ پۇل قىممىتى ئۆرلەشكە مەجبۇر بولدى، ئاقىۋەتتە ياپونىيە «بىز يوقىتىپ قويغان 20 يىل» دەپ زارلايدىغان ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى.

  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا جېڭىنى ھەرگىزمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئېيتقاندەك، «چوڭ گەپ قىلىپ دۈشمەننى باشلاپ كەلگەن» دەپ چۈشىنىشكە ياكى ھەرگىزمۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى «ئىدېئولوگىيە» كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. ئۆزىگە رىقابەتچى تۇرغۇزۇش ئامېرىكا ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىزچىل ھالدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ئىنېرتسىيەسىدۇر.__1894- يىلى ئامېرىكىنىڭ GDP سى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغاندىن بۇيان، ئەگەر قايسى دۆلەت ئەمەلىي قابىلىيەت جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك لۇغىتى»دە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولسا، قايسى دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئورنىغا تەھدىت سالسا، شۇ دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم رىقابەتچىسى بولۇپ كەلگەن، ئامېرىكا چوقۇم شۇ دۆلەتنى توسۇپ كەلگەن.

  بەزىلەر ئامېرىكا ھەققىدە يەنە مۇنداق دەپمۇ يەكۈن چىقارغان ئىدى: ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئالاقىلەر لوگىكىسىدا، بىر «%60لىك قانۇنىيەت» مەۋجۇت: بۇ قانۇنىيەتتە، باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى ئامېرىكىنىڭ %60گە يەتكەندە، ھەمدە داۋاملىق كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالغاندا، ھەتتا تېز سۈرئەتتە ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولغاندا، ئامېرىكا چوقۇم شۇ دۆلەتنى ئۆزىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ ھېسابلاپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن رەقىبىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى توسۇپ قالىدۇ. مەيلى ئەينى يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە بولسۇن، ياكى ھازىرقى جۇڭگو بولسۇن، ھەممىسى بۇ قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدا ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر