باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە (شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە − يېڭى دەۋر، يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى سەھىپە)

ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كارخانىسى 3000دىن ئاشتى، كىرىمى 350 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2018.08.14 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 9-ئايدا، ئەلى بابانىڭ «ئەقلىي ئىقتىدارلىق چۇڭچىڭ مەركىزى» لياڭجياڭ يېڭى رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ: «كەلگۈسىدە، بۇ يەر ئەلى بابا گۇرۇھى ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، يۈرۈشتۈرۈش، راسچوت قىلىش قاتارلىق كەسىپلىرىنى قانات يايدۇرىدىغان رايون مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش سۇپىسى، نەرسە تور سۇپىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى، يېڭىچە پارچە سېتىش، يېڭىچە پۇل مۇئامىلە، شەھەرلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات چوڭ مېڭىسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ»، دېدى.

  چۇڭچىڭغا جەلپ قىلىنغان ساھەدىكى باشلامچى كارخانىلار يالغۇز ئەلى بابا شىركىتىلا ئەمەس. 2017-يىلى 12- ئايدىن بۇيان، تېڭشۈن، جىڭدۇڭ، خۇاۋېي، شياۋمى، زىگۇاڭ قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بەس-بەستە چۇڭچىڭ شەھىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش، توپلاشتۇرۇش ئېلېكتىرونىكىسى، «نەق پۇلسىز شەھەر» قاتارلىق تۈرلەرنى نۇقتىلىق بەرپا قىلدى. چۇڭچىڭ شەھىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتلىق ئەقلىيلاشتۇرۇش بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشماقتا.

  «پەندا» ئاپتوموبىل بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق سەپەرگە چىقىش سۇپىسىنىڭ ھەمبەھىر ئاپتوموبىللىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۆلۈنمە ۋاقىتلىق ئىجارە تۈرى بولۇپ قالدى؛ چۇڭچىڭ «جۇڭكې» بۇلۇت توپىنىڭ ئادەم يۈزىنى پەرق ئىتىش تېخنىكىسى نۆۋەتتە خەلقئارالىق ئالدىنقى قاتارغا ئۆتمەكتە؛ چۇڭچىڭ «خەييۈن» سانلىق مەلۇماتىنىڭ لەۋ-تىلنى پەرق ئېتىش تېخنىكىسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %70كە يەتتى... 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قىلىنغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چۇڭچىڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەر كارخانىسى 3000دىن ئاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسىپلەرنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى سېتىش كىرىمى 350 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئەقىللىق ماشىنا ئادەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور بىرلەشمە ئاپتوموبىلى، توپلاشتۇرۇش ئېلېكتىرونىكا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇقچىلىق قاتارلىق ساھەلەر چۇڭچىڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى ئىكەن. بۇ يىل چۇڭچىڭدا نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ياساش تۈرى قاتارلىق مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ %80تىن ئارتۇقى چوڭ سانلىق مەلۇماتلىق ئەقلىيلاشتۇرۇش ساھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

  چۇڭچىڭدا خاتىرە كومپيۇتېر، ئاپتوموبىل، موتور ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاليۇمىن ماتېرىياللىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپى تەرەققىي قىلغان، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، يەككە مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى تۆۋەنرەك ئىدى. چۇڭچىڭ شەھىرى چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەقلىيلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىنى پائال قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىكلىشىش، تورلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئۆتكۈر مېخانىكىلىق قوللار مەھسۇلاتنى تۇتۇپ، يوللاش لىنىيەسىگە توغرا قويدى؛ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ماشىنا ئادىمى ئاپتوماتىك ھالدا بىراك ماللارنى لىنىيە سىرتىغا چىقىرىۋەتتى. بۇ، چۇڭچىڭدىكى مېڭشۈن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش سېخى. چاقىرغۇنى ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىدىن باشلانغان مېڭشۈن ئەينى يىللاردىكى ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئارقا-ئارقىدىن شاللىنىپ كەتكەن شارائىتتىمۇ بارغانسېرى چوڭايدى − ئەقلىي ئىقتىدارلىققا ئۆزگەرتىشكە تايىنىپ، مەھسۇلات ئۆمرىنى ئەسلىدىكى بەش يىلدىن سەككىز يىلغا ئۇزارتتى، ناچار مەھسۇلات نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، مەشغۇلات خادىملىرى %30 ئازايتىلدى. باش دىرېكتور يۆ شياڭجۈن: «باشقىلار زىيان تارتتى، بىراق بىز پۇل تاپتۇق. ھازىر نۇرغۇن كارخانىلار بىزنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزگەرتىش تەكلىپ لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ»، دېدى.

  نۆۋەتتە، چۇڭچىڭدا 200دىن ئارتۇق كارخانا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %32.7 ئاشتى، ناچار مەھسۇلات چىقىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.8 تۆۋەنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر