باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 7- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچنى كۈچەيتىپ، قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەش لازىم

2018.08.01 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش ئۈستىدە 7-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى پۈتۈنلەي توختىتىش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئىرادىدە قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، پائال، پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچلەرنى كۈچەيتىپ، يوچۇق قويماسلىق، تەلەپنى تۆۋەنلەتمەسلىك، ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەسلىك، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش لازىم.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشى 1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر- جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى ۋە زاپاس ھەربىيلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

  ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ شياۋخۇا بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى ھەم پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىش مەزمۇنى قىسىملارنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش بولۇپ، بۇنداق بىر قېتىملىق ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش − ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر