باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنى تەشكىلاتلار دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى

2018.08.01 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنى تەشكىلاتلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ھەر قايسى مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنى تەشكىلاتلار ۋە جۇڭخۇا خىرىستيان دىنى ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك ئۇيۇشمىسى، جۇڭخۇا خىرىستيان دىنى قىزلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك جەمئىيىتى يىغىندا دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشنى ئورتاق تەشەببۇس قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش دىنى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئۆز تەقدىرىنى پارتىيەنىڭ تەقدىرى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر قايسى دىنلار ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «ئاساسىي قانۇن»، «دۆلەت بايرىقى قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىنىش، دۆلەت بايرىقى ئاساسىي بىلىملىرى ۋە بايراق چىقىرىش قائىدە-يوسۇنلىرىنى ئۆگىنىش، دۆلەت بايرىقىغا يۈكلەنگەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىنى ئۆگىنىش، دۆلەت بايرىقى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ماقالە ۋە تەسىرات يېزىپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتىكى جانلىق ھېكايىلەرنى بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دۆلەت بايرىقىنى ھۆرمەتلەش، دۆلەت بايرىقىنى ئاسراش، دۆلەت بايرىقىنىڭ ئىززىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر