باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارخانىلىرى پانامادىكى قانال ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈك تۈرىگە خېرىدار بولدى

2018.07.30 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاناما جامائەت ئاممىۋىي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىشىچە، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو گاڭۋەن قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلەشمە تىجارەت گەۋدىسى پاناما قانىلىدىكى تۆتىنچى كۆۋرۈك تۈرىگە ئوڭۇشلۇق خېرىدار بولۇپ، خېرىدار بولۇش توختام باھاسى 1 مىليارد 420 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

  پاناما ئاممىۋىي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 27-چېسلا جەزملەشتۈرۈشىچە، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى ۋە جۇڭگو گاڭۋەن بىرلەشمە تىجارەت گەۋدىسى بىرىنچى ئورۇندىكى ئومۇمىي نەتىجىسى بىلەن پاناما قانىلىدىكى 4- كۆۋرۈك توختامىغا ئېرىشكەن. بۇ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا پاناما، ھەتتا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى دىققەتنى ئەڭ تارتىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش، شۇنداقلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسى رايونىدا خېرىدار بولغان ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك يەككە تۈرى ھېسابلىنىدىكەن.

  پاناما قانىلىدىكى 4-كۆۋرۈك بولسا تاشيول ۋە تۆمۈريول تەڭ ئۆتىدىغان قىيپاش ئاسما كۆۋرۈك بولۇپ، لايىھەدىكى ئۇزۇنلۇقى 510 مېتىر، كەڭلىكى 51 مېتىر، ئېگىزلىكى 75 مېتىر كېلىدۇ، كۆۋرۈك ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى سەۋەبلىك خەلقئارادىكى كۆپلىگەن داڭلىق شېركەتلەر قوغلىشىۋاتقان مۇھىم تۈر بولۇپ قالدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو كارخانىلىرى پاناما قانىلىنى ھالقىغان 3-چوڭ كۆۋرۈكنى لايىھەلەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك خېرىدار بولغان. پاناما قانىلىدىكى 3-كۆۋرۈك پاناما قانىلىنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان تەرىپىدىكى 1-چوڭ كۆۋرۈك بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھالقىما بېتون يانتۇ تارتمىلىق كۆۋرۈكنىڭ بىرى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر