سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدىكى ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى تارىخىي مۇزېيىدا سۈرەتكە تارتىلغان «شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى» كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-بېلارۇسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى» كۆرگەزمىسى 25-ئىيۇل بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدىكى ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى تارىخىي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە 55 تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ۋە 140 نەچچە پارچە قىممەتلىك تارىخىي رەسىم كۆرگەزمە قىلىنىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور مىللىي قۇربان بەرگەنلىكى ۋە تارىخىي تۆھپىسى نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى