باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەينەن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسى رەسمىي قۇرۇلدى

2018.07.30 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەينەن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسى 29-ئىيۇل خەيكۇ شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلدى.

  خەينەن كېسىم كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى ۋېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خەينەن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپپاراتلارغا قارىتا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، شېنجېن كېسىم ئاپپارات ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، مەۋقەنى خەينەنگە قويۇپ، يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىدىكەن. كېڭەش يىغىنى قۇرۇشنى يادرو قىلغان ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ئاپپاراتنىڭ بىتەرەپلىكىنى نامايان قىلىدىكەن. كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدە چېگرا سىرتىدىكى زاتلار ئومۇمىي ساننىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كەم بولمايدىكەن، چېگرا سىرتىدىكى زاتلار ۋە ئۆلكە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ يىغىندىسى ئومۇمىي ساننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ، كېسىم ئاپپاراتىنىڭ خەلقئارالىقلىقى ۋە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كېسىم قانۇنىنىڭ كېسىم ئاپپاراتىنىڭ مۇستەقىللىقىگە بولغان تەلىپىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك دەۋالاشقۇچىلاردا خەينەن خەلقئارا كېسىمىنىڭ بىتەرەپلىكى، ئادىللىقىغا يېتەرلىك ئىشەنچ پەيدا قىلىپ، خەينەننى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىشتىكى ئىشەنچىلىك «ئالدىن تاللايدىغان جاي»غا ئايلاندۇرىدىكەن.

  خەينەن خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىدە دېڭىز ئىشلىرى كېسىم مەركىزى ۋە پۇل مۇئامىلە كېسىم مەركىزىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارماق ئاپپارات تەسىس قىلىنىپ، خەينەن ئالاھىدىلىكى نامايان قىلغان. ئىككى مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى خەينەننىڭ دېڭىز ئىقتىساد-سودىسى ۋە پورت كەسپىنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشى ھەمدە دېڭىز- ئوكيان بايلىقلىرىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن؛ پۇل مۇئامىلە ماجىرالىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىش، خەينەننىڭ رايون ھەتتا خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇشىنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر