باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلاردىن 568نى يېزا ئىگىلىكى، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە قوبۇل قىلىدۇ

2018.07.27 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلاردىن 568نى تاللاپ قوبۇل قىلىپ، ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋە چېگرا بويىدىكى دىۋىزىيە-شەھەرلەرگە قاراشلىق تۇەن- مەيدان، سانائەت رايونىلىرىدىكى مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش، نامراتلارنى يۆلەش، سۇ قۇرۇلۇشى، سانائەت ۋە بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە ئەۋەتىدىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېزا ئىگىلىكىگە، مائارىپقا، داۋالاشقا ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مۇلازىمەت خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ.

  تۈنۈگۈن، بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرىنىڭ شەرتى − 2016- يىلىدىن 2018-يىلىغىچە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. ماگىستىر ئاسپىرانتلار ۋە «ئىككىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان» ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرۇس كەسىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلار ئىمتىھانسىز قۇبۇل قىلىنىدىكەن. يېشى 28دىن ئاشمىغان (1990-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان) بولۇشى كېرەك ئىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش پىلانىغا كەسىپ چەكلىمىسى قويۇلمايدىكەن؛ دېھقانچىلىققا، داۋالاشقا ياردەم بېرىش، سۇ قۇرۇلۇشى، سانائەت، قۇرۇلۇش پىلانىغا تىزىملاتقانلارغا شۇ ساھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بولۇش چەكلىمىسى قويۇلىدىكەن. مۇلازىمەت مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان ئايدىن باشلاپ ھېسابلىنىدىكەن. تىزىملىتىش ۋاقتى 7- ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 10دىن 8- ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 22گىچە بولىدىكەن. تىزىملاتقۇچىلار بىڭتۇەن ئىمتىھان ئۇچۇر تورىغا كىرىپ كۆرسەتمە بويىچە تىزىملىتىپ، «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ‹ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش› پىلانى تىزىملىتىش جەدۋىلى»نى تولدۇرسا بولىدىكەن. قۇبۇل قىلىش − سالاھىيىتىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسىنى بېسىپ چىقىرىش، يازما ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش، توردا ئېلان قىلىش قاتارلىق ھالقىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر