باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، يەنە «ئالتۇن ئون يىل»نى يارىتايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى توغرىسىدا

2018.07.27 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئىرادىسى ئوخشاشلار ئۈچۈن تاغ-دېڭىز يىراق ئەمەس». گۈزەل «ھەسەن-ھۈسەن دۆلىتى» جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇلتۇر شيامېن ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن ئون يىلى»نىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى. دۇنيا كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتىن قايتا باشلىنىپ، «يېڭى ئالتۇن ئون يىلدا» يېڭىچە سەكرەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۈتتى.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا-سانائەت مۇنبىرىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتەك «جۇڭگو تەشەببۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان «جۇڭگو ھەرىكىتى»نى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇ مۇھىم سۆز جۇڭگونىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرىدىغان قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئالىيجاناپ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ «ئالتۇن ئون يىل»دا يېڭىچە سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئۆتكەن 10 يىلدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بەش دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم جانلىنىش ۋە ئېشىش يولىغا قايتا قايتىشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بۇ ئىجادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈشتەك كونا يولدىن ھالقىپ «ھەمراھ بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىكتەك» يېڭىچە مۇناسىۋەت قۇردى. ئىدېئولوگىيە چېگراسى ئايرىپ تۇرغان كونا تەپەككۇردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى يول ئاچتى. يېڭىش-يېڭىلىنىش بەلگىلىنىپ، يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولىدىغان كونا قاراشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان يېڭى ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيانقى مىسلىسىز زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا ئەندىزىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنى پىلانلاپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا، كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقىنىڭ يەنە بىر «ئالتۇن ئون يىل»ىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كەلگۈسى ئون يىلدا قانداق زور ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كېلىمىز؟ رەئىس شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: كەلگۈسى ئون يىل دۇنيا ئىقتىسادىدا كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىدىغان ھالقىلىق ئون يىل، خەلقئارا ئەندىزە ۋە كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا تېز ئۆزگىرىش بولىدىغان ئون يىل، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭقۇر، قايتا يارىتىلىدىغان ئون يىل. بۇ ئىلمىي ھۆكۈم كەلگۈسى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ئەندىزە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؛ ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قالغاندا، ئون يىلدىن كېيىن، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش كېرەكمۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەت يەنە بىر قېتىم قايسى يولنى تاللاشتىن ئىبارەت تۆت كوچا ئېغىزىغا بېرىپ قالدى. تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسنى بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق يېڭىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىشى كېرەك، بۇ، دەۋرنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە يۈكلىگەن ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر