باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە كەسپى ساھەدىكىلەر ماشىنىلارنى ئېلېكتىر موتورلۇقلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى

2018.07.30 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ئىقتىسادىي كەسىپلەر ۋازارىتى ۋە كارخانا ساھەسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 2- قېتىملىق يېڭىچە ئاپتوموبىللار ئىستراتېگىيەلىك يىغىنى يېقىندا توكيودا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، 2050- يىلىغا بارغاندا، ياپونىيە ئاپتوموبىل سودىگەرلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ساتىدىغان يېڭىچە ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېلېكتىر موتورلۇق ئاپتوموبىللاردىن بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  يىغىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە كارخانا ساھەسىدىكىلەر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساپ ئېلېكتىر موتورلۇق، ئارىلاشما ئېنېرگىيەلىك ۋە ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيە ئېنېرگىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ئېلېكتىر موتورلۇق ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىدىكەن.

  شۇ يىغىندا يەنە 2018- يىلى كۈزدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېلېكتىر موتورلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ كەسپى ئۆلچىمىنى تۈزۈش ئاپپاراتلىرىنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ يىغىن ئېچىپ، ئېلېكتىر موتورلۇق ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاشنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچىمىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر