خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24-ئىيۇل پىرېتورىيەدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ۋە جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زۇڭتۇڭ رامافۇسا ئۆتكۈزگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.
شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ مېھمانخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، رامافۇسا ۋە زۇڭتۇڭنىڭ خانىمى موزېپىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خانىملىرى قىزغىن قول ئېلىشىپ، ئۆزئارا ئەھۋاللاشتى.شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 7دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن رامافۇسا ئەر-ئايال بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىردى. ئوركېستىر جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزى قىلىپ، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگەن ھەر ساھەدىكى زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتىشتۈرۈشى بىلەن ئۈزلۈكسىز زورايدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ چوڭقۇرلاشتى. 1998-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسى ئېچىلدى. 20 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى زور ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى ھەم شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ ئۈلگىسى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-جەنۇبىي ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ قىسقىغىنا 20 يىلدا بۇنچىۋالا كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ سەۋەبى دەل ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا بىلىشىپ ۋە يېقىن بولۇپ، ئۆزئارا تايىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ھېسسىيات ئاساسى، سىياسىي ئاساسى، ئىقتىسادىي ئاساسى، ئەلرايى ئاساسى، ئىستراتېگىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەنلىكىدە. 20 يىللىق تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. بىز ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا بېسىش يۆنىلىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزئارا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، باشتىن-ئاخىر سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، پاراغەتتە ھەم جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇدىغان قېرىنداشلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قېزىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىمىز كېرەك. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ زىچ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردا داۋاملىق ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى قاتلام ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىشىمىز، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى