باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، خاۋ پېڭ، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

2018.07.27 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7–ئاينىڭ 24–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى خاۋ پېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرى ھەم دۆلەت كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلارنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش، ئۇدۇللاشتۇرۇشقا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قوغداش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەندىزىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەزمۇننى بېيىتتى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇلىيەتكە، تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. بىز ئۇلارغا چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئۇلارنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى داۋاملىق يەتكۈزۈشى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ھەقىقىي ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈشى؛ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك چارە–ئامال بىلەن كارخانىلارنى سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى؛ ھەمكارلىق رامكىسى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش، كۈچەيتىشكە ئەڭ زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇشى؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىدا تۆھپە يارىتىش، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  خاۋ پېڭ گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە چىن قەلبىدىن قايىللىقىنى بىلدۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. خاۋ پېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا، شىنجاڭنى ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىشتا، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن خۇشاللىنارلىق ھالەت شەكىللەندى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنى، دانالىقىنى، تامامەن توغرىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

  خاۋ پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پائال تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشكە پۇختا ئاساس سالدى. دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەملىكەتلىك 6–قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشەنچ–ئىرادىنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى مۇھىم ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىك، ئالاھىدىلىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ دىققەتنى شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما، بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا غەمخورلۇق قىلغانلىق، كۆيۈنگەنلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا ئىشەنچكە تولدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق–كومىتېتلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بولىدىكەن، شىنجاڭ چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايدۇ.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، بىڭتۈەننىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئادا قىلىشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. بىڭتۈەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، كۈچلۈك «تۆت ئاڭ»، مۇستەھكەم «تۆت ئىشەنچ» بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ بىڭتۈەندە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى، سەرخىللاشتۇرۇشى ۋە زورايتىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، مۇقىملىقنى قوغداش–چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبقا تەرەققىي قىلىش، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنى زورايتىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى دەۋردىكى بىڭتۈەننىڭ يېڭى رولىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  يىغىندا ئالەم قاتنىشى پەن–تېخنىكا سانائىتى، جۇڭگو نېفىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو باۋشەن–ۋۇخەن پولات–تۆمۈرگۇرۇھى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھىدىن ئىبارەت سەككىز ئورۇننىڭ مەسئۇلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن بىلەن ئايرىم–ئايرىم ھالدا «گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»، «گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ كەسىپلەر ئارقىلىق بىڭتۈەنگە ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەمكارلىق رامكىسى كېلىشىمى»نى ئىمزالىدى؛ مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن بىلەن بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ھەم ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شۈ فۇشۈن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي، مۇتەللىپ قاسىم، جاۋ چىڭ، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جيەنشىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، جاڭ يۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئىدارىلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، بىر قىسىم مەركەز كارخانىلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خاۋ پېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، يەنە قەشقەر ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر