باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى - -

20 دۆلەت گۇرۇھى چوقۇم دۇنيا سودا سىستېمىسىنى ياخشىلاشنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك

2018.07.20 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ( IMF ) نىڭ باش لىدىرى لاگاردې 18- ئىيۇل 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ سىياسەت تۈزگۈچىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئىلگىرىكىدەك «قانغا قان، جانغا جان» دەيدىغان تاموژنا بېجى تەدبىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك، ھەمدە دۇنيا سودا سىستېمىسىنى ياخشىلاشنىڭ كۆپ تەرەپلىك ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك، دېدى.

  لاگاردې شۇ كۈنى پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇل فوندى تەشكىلاتى 4- ئايدا سودىدىكى قورۇقچىلىق تەدبىرلىرى پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىيغا زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ھۆكۈم رېئاللىققا ئايلاندى. ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېكسپورت ماللىرىنى زاكاز قىلىشتىكى يېڭى تالونلار بارغانچە ئازايغان، گېرمانىيە قاتارلىق ئاپتوموبىل ئېكسپورت دۆلەتلىرىنىڭ ئىشەنچىسى تەۋرىنىشكە باشلىغان.

  20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىقلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ باشلىقلىرى پات ئارىدا ئارگېنتىنانىڭ بوينىس ئايرىستا يىغىن ئۆتكۈزىدۇ. لاگاردې يەنە مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۆزىنى ئۆزى ۋەيران قىلىدىغان ۋە قانغا قان، جانغا جان» دەيدىغان تاموژنا بېجى تەدبىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيا سودا سىستېمىسىنى ياخشىلاشتىكى ھەل قىلغۇچ لايىھەنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.ئۇ يەنە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا تەكلىپلەرنى بېرىپ، سودا قائىدىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەت جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك كېلىشىملەرنى قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر