باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئالدىنقى يېرىم يىلدا 66 مىڭ 284 يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلدى

2018.07.26 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىدە سېتىلغان يېڭى ئاپتوموبىل 66 مىڭ 284 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىشى ئەكسىچە ئۆرلەپ، 235ى سېتىلغان، بۇ، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكىدىن %710 ئاشقان.

  7-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىشلىرى ئىدارىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) باج ئىدارىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) باج ئىدارىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى تاتلىقبۇلاق (گەنچۈەنباۋ) ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىدە تاپشۇرۇلغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى 999 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، بۇ، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكىدىن %4.83 ئاشقان، كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى سوممىسى 32 مىليون يۈەن بولۇپ، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكىدىن %60.98 كېمەيگەن.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا، گاز چىقىرىش مىقدارى 1.6 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (گاز چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان ئاپتوموبىل)لاردىن ئېلىنىدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش باج نىسبىتىنىڭ %10 بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ باج ئېلىشنىڭ تەسىرىدىن بولغان.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بۇ، 2015 ـ يىلىدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىلىش مىقدارىدا 2-قېتىملىق مەنپىي ئېشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشى ھېسابلىنىدىكەن. 2015-يىلى، ئۈرۈمچىدە سېتىلغان يېڭى ئاپتوموبىل سانى ۋە تۆلەنگەن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش باج سوممىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچتە ئايرىم–ئايرىم %6.4 ۋە %10.68 لىك مەنپىي ئېشىش كۆرۈلگەن.

  لېكىن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچىدە سېتىلغان يېڭى ئاپتوموبىللار سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن 235 يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %710 ئاشقان. كېمەيتىلگەن، كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى 8 مىليون 148 مىڭ 500 يۈەن بولغان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئاستا-ئاستا ئىستېمالچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەتىۋارلىق بۇيۇمغا ئايلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر