- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز مالىيەسى تەيفېڭ بورىنى، كەلكۈن ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەبلەغ ئاجراتتى
2018.07.26 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەز مالىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارغا قارىتا بىر مىليارد يۈەنلىك جىددىي ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ بەردى. بۇ مەبلەغلەر گەنسۇ، سىچۈەن، فۇجيەن، شەنشى، چۇڭچىڭ، گۇاڭشى، ئىچكى موڭغۇل، جاڭشى، گۇيجۇ، شىنجاڭ ۋە جېجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ تەيفېڭ بورىنى ۋە كەلكۈن ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاپ، بۇزۇلغان سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئوڭشاشقا، ئۇرۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى دىزېل ماي ۋە يەم-خەشەكلەرنى سېتىۋېلىشقا، ھەمدە ئۆلگەن چارۋىلارنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ئىشلىتىدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسىگە مەركەز مالىيەسى ئاجرىتىپ بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىدىغان 96 مىليون يۈەنلىك مەبلەغنى تارقىتىپ بەردى. بۇ مەبلەغلەرنى گەنسۇ ئۆلكىسىدە 7- ئايدا توپ-توپ يۈز بەرگەن گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە، بولۇپمۇ جۇچۈ ناھىيەسىدىكى دەريا تاغ ئۈستىدىكى قىيالارنىڭ سىيرىلىپ چۈشۈشتەك خەتەرلىرى ۋە ئاپەتلىرىدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق قوللاشقا ئىشلىتىدۇ. بۇ خىزمەتلەر ئاپەتتىن كېيىنكى ئادەم قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، ئىككىنچى قېتىملىق ئۆلۈشتىن ساقلىنىشنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش، ئەتراپتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ئېنىقلاش، كىشىلەرنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكەش، خەتەرنى تۈگىتىش، ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى ۋە نەق مەيداننىڭ قاتناش، ئارقا سەپ خەۋەرلىشىشى كاپالىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك سۇ ئىدارىسى 25- ئىيۇل ئېلان قىلغان شارائىت مەلۇماتى ۋە كەلكۈندىن ئالدىن بېرىلىدىغان مەلۇماتتىن مۆلچەرلىنىشىچە، سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك تارماق ئېقىنى ئوۋگېن دەرياسى ۋە خۇلەن دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى ۋە تارماق ئېقىنلىرى يىجى دەرياسى، مىنمىن دەرياسى، كيىن دەرياسى، تۇڭكېن دەرياسى، كۇرك دەرياسى قاتارلىقلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كەلكۈن كۆرۈلىدىكەن. ئۆلكىلىك كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى 25- ئىيۇل سائەت 15تە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش 4- دەرىجىلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويدى.
شۇ كۈنى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈپ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار رايونلار ۋە ئورۇنلاردىن خۇلەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر